-
ئۇيغۇرلاردا قۇمۇلاق ھېساباتى - [ماتېماتىكا تارىخى]
2009-02-23
تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇيغۇرلاردا 5- ئەسىردىن بۇرۇنلا مۇرەككەپ سان ئۇقۇمى شەكىللەنگەن . خاسىيەتلىك سانلار ئۇقۇمى ئوموملاشقان ۋە تەقۋىم قوللىنىش ئادىتى شەكىللەنگەن . 5- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ، مەدەنىيەتنىڭ گۈلۈنىشىگە ئەگىشىپ ، ئەجداتلىرىمىز سان توپلاملىرىنى بايقىغان ۋە تەبىئى سانلارغا نام بىرىش ، ئۇلارنى ھېسابلاش مەسىلىسى ئۇستىدە ئىزدىنىپ < قۇمۇلاق ھېساباتى > نى ئىجات قىلغان .
< قۇمۇلاق ھېساباتى > دا توشقان ياكى قوي قۇمىلىقى سان ئورنىدا قوللىنىلپ ھېساپ چىقىرىلدىغان بولغاچقا ، < قۇمۇلاق ھېساباتى > دەپ ئاتالغان . كېيىنچە ، قۇمۇلاق ئورنىغا شېغىل تاش ، قوناق ، يارماق (داچەن ) قاتارلىقلارمۇ ئىشلىتىلگەن . قوشۇش ، ئىلىش ... قاتارلىق ئاساسىي ماتىماتىكىلىق ئەمەللەر قۇمۇلاقلارنى يۆتكەش ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلغان .
ئۇيغۇرلاردا يېزىق ئوموملاشقاندىن كىيىن ئاندىن رەقەم بەلگىلىرى بارلىققا كەلگەن ، ئۇيغۇرلار خاتىرلىگەن رەقەم بەلگىلىرى دەل - دەرەخ ، تاشلارنى ئويۇپ ئىز چىقىرىپ ئۆتكەن كۇنلەرنى خاتىرلەشتىن باشلانغان . كىيىن تەرەققى قىلىپ تارشا پۇتۇك ، تېرىلەرگە سان خاتىرلەشكە يۇزلەنگەن ، < كۆلتېگىن مەڭگۇ تېشى > دا سانلارنى يىزىق ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى كۆرسۇتۇلگەن .شۇندىن كىيىن < قۇمۇلاق ھېساباتى > ئورنىغا يازما ھېسابات دەسسىگەن .历史上的今天:
1870-يىلدىكى يەكەن سۇرەتلىرى 2009-02-23ماتېماتىكىلىق تۆت ئەمەلنى كىم ئىجات قىلغان ؟ 2009-02-23تېپىشماق : بىر يۇەن نەگە كەتتى؟ 2009-02-23
收藏到:Del.icio.us
评论