ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

جۇڭگو ئىران يادرو مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى

2010-يىلى09-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
    شىنخۇا تورى ۋيېنا 15–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : جۇڭگونىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋيېنا ئىش باشقارمىسى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى ئۆمىكىنىڭ ۋەكىلى خۇ شياۋدى 15–سېنتەبىر تەكىتلەپ ، جۇڭگو تەرەپ ئىران يادرو مەسلىسىنى سۆزلىشىش ياكى سۆھبەتلىشىشتەك تىنچ
  

    شىنخۇا تورى ۋيېنا 15–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : جۇڭگونىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋيېنا ئىش باشقارمىسى ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى ئۆمىكىنىڭ ۋەكىلى خۇ شياۋدى 15–سېنتەبىر تەكىتلەپ ، جۇڭگو تەرەپ ئىران يادرو مەسلىسىنى سۆزلىشىش ياكى سۆھبەتلىشىشتەك تىنچ يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىدۇ ، دېدى .  

    خۇ شياۋدى ۋيېنادا ئېچىلغان خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيە ئورگىنى كېڭەش مەجلىسى يىغىنىنىڭ ئىران يادرو مەسلىسى مۇزاكىرىسىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى : جۇڭگو تەرەپ ، ئىران ‹‹ يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى ›› غا ئەزا دۆلەت بولغاچقا ، تېنچ ئاساستا يادرو ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىش ھوقۇقى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك خەلقئارالىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىش مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارايدۇ . ئىراننىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنى كېڭەش مەجلىسى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارلىرىنى ئۇمۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىپ ، خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيەسى ئورگىنى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىنىڭ تېنچلىق تۈسىنى ئالغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .  

    خۇ شياۋدى نۆۋەتتە ئىران يادرو مەسلىسىنى دېپلوماتىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ يېڭى بىر پۇرسەتكە دۇچ كەلگەنلىكىنى ، ھەر قايسى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئەمەلىي ئىش قىلىش پوزىتسىيەسىدە بولۇپ ، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا دېپلوماتىيە تىرىشچانلىقى كۆرسىتىپ ، سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشىنى تېزراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەكلىكىنى ، جۇڭگونىڭمۇ ‹‹ ۋيېنا كىچىك ئەترىتى ›› نىڭ ئىران بىلەن بىرلىكتە ئىراننىڭ تەتقىقاتتا ئىشلىتىدىغان يادرو رېئاكتورى يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلەش مەسلىلىرىدە كېڭەش ھاسىل قىلىپ ، بالدۇرراق ئورتاق پىكىرگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى .

    ئۇ يەنە خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيەسى ئورگىنى ھەمدە ئورگاننىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسلىسىنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىپ ، يادرو مەسلىسىدە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

    جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراننىڭ يادرو مەسلىسىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسى توغرىسىدا خۇ شياۋدى مۇنداق دېدى : جۇڭگو سۆھبەتكە دەۋەت قىلىش ۋە سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ، دېپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش شۇنداقلا ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرگە خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك كېلىشىمى ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ تېنچ ، مۇقىم بولغان ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ، ئىراننىڭ يادرو مەسلىسىنى ئۇمۇميۈزلۈك ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ، ئوبدان بىر تەرەپ قىلىپ ، ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ .  

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر