ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ : ھەربىي ۋاستىغا تاينىپ ئاففانىستان مەسلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ

2010-يىلى09-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
    خەلق تورى ، بېيجىڭ 16–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ مۇنداق دېدى : ئاففانىستاندا چوڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش زۆرۈر . بىراق ھەربىي قوشۇنغا تاينىپلا ئاففانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ ، چوقۇم تالىبان قوراللىق كۈچلىرى
  

     ، بېيجىڭ 16–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ مۇنداق دېدى : ئاففانىستاندا چوڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش زۆرۈر . بىراق ھەربىي قوشۇنغا تاينىپلا ئاففانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ ، چوقۇم تالىبان قوراللىق كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش كېرەك .

ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى پېترېئۇس (ماتېرىيال سۈرەت)

     ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك تەشكىلاتىنىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق قىسمىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى پېترېئۇس 15–سېنتەبىر ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاممىۋى رادىيو ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى : ‹‹ ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قىسىملىرى ئاففانىستاندا تۇرغىلى نۇرغۇن يىللار بولسىمۇ ، بىراق يەنە نۇرغۇنلىغان جايلار ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىنمىدى ، شۇنىڭ ئۈچۈن ، تولۇق كونتورل قىلىنمىغان رايونلاردا چوڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش زۆرۈر ، بىراق ھەربىي ۋاستىغا تاينىپلا ئاففانىستان مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ . مەن ئاففانىستاننىڭ زۇڭتۇڭى كارزائىنىڭ قارىشىغا قوشۇلىمەن .

    ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى : ‹‹ بىز تالىبان قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئاففانىستان جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ ، ئۇلار بىلەن ئەمەلىي يارىشىشىمىز لازىم ، بۇمۇ بىزنىڭ ئاففانىستان ئىستراتېگىيەمىزنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ››.

   ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ئاففانىستان ئۇرۇشى ئەنئەنىۋى مەنىدىكى ئۇرۇش ئەمەس ، شۇنداقلا مەلۇم دۆلەتنى ئىگىلىۋېلىپ ، ئۆزىنىڭ دۆلەت بايرىقىنى شۇ دۆلەتكە سانجىپ ئۇرۇش غەلبىسىنى تەبرىكلەيدىغان ئادەتتىكى ئۇرۇشمۇ ئەمەس . ئاففانىستان مەسىلىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىلە .

ئامېرىكا ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلەرگە زەربە بەرمەكتە (ماتېرىيال سۈرەت)

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!