17-ئىيۇل گرىتسىيە پايتەختى ئافېنا شەھەر ئەتراپىدىكى تەبىئىي ئورمانلىقتا كەم دېگەندىمۇ ئىككى قېتىم چوڭ ئوت ئاپىتى يۈز بەردى . ساقچى تەرەپ تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلاننى ئىشقا سالغان بولسىمۇ ، لېكىن شامال كۈچى كۈچلۈك ھەم ھاۋا قۇرغاق ئىسسىق بولغانلىقتىن ئوتنى تولۇق ئۆچۈرۈشكە ئىمكان بولمىدى . نۇرغۇن دەل-دەرەخ ۋە بىر قىسىم ئۆي ئىمارەتلەر كۆيۈپ كەتكەن بولۇپ ، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ ھۆكۈمەت يەنىلا ئوت كەتكەن رايوندىكى ئاھالىلەرنى جىددىي چېكىندۈردى .