15-ئاپرېل مېكسىكىنىڭ خۇارېس شەھىرىدە پارتلىتىش ۋە ساقچىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . شۇ كۈنى بىر تۈركۈم قوراللىق كىشىلەر شەھەر مەركىزىدە چارلاۋاتقان ساقچىلارغا پارتلىتىش بومبىسى ئېتىپ ، 2 ساقچىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ، يەنە 12 ئادەم يارىلانغان . قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە مۇخبىرلار ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا يەنە بىر قېتىم پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، ئۈچ ساقچى ۋە بىر مۇخبىر يارىلانغان .