فرانسىيىدىكى بىر كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنى يېقىندا خەۋەر دەلىللەپ ، ئامېرىكىلىق داڭلىق ناخشا چولپىنى مايكىل جېكسوننىڭ ئىلگىرى ئويۇن قويغان ۋاقىتتا كىيگەن شىلەپىسىنى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرى پارىژدا كىم ئارتۇق قىلىپ ساتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . جېكسون بۇ شىلەپىنى 1988-يىلى 14-ئاۋغۇست فرانسىيىنىڭ نىس شەھىرىدە سەييارە ئويۇن قويغان ۋاقىتتا كىيگەن بولۇپ ، ئامېرىكىدىكى بىر شىركەت ئۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس لاھىيىلەپ ياسىغان ۋە چېكىسىگە ئالتۇندىن جېكسوننىڭ ئىسمى ئويۇلغان . بۇ شىلەپىنىڭ 40 مىليوندىن 60 مىليون ياۋروغىچە بولغان باھادا سېتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە .