
ئارالدىكى قۇملۇق ساياز يەر ۋە قۇشلارنىڭ تېنىدىن نېفىت بۇلغانمىلىرى بايقالدى
خەلقئارا لىنىيەسى مەخسۇس ماقالىسى : ئامېرىكا ‹‹دەۋر›› ھەپتىلىك ژۇرنىلىنىڭ 2–ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا ، مېكسىكا قولتۇقىدىكى ‹‹چوڭقۇر سۇ ئۇپۇق سىزىقى›› نېفىت بۇرغىلاش قۇدۇقى پارتلاش ھادىسىسى يۈز بېرىپ 100 نەچچە كۈندىن كېيىن ، ئامېرىكا لۇئىسئانا ئىشتاتى ئېنوت ئارىلىدىكى قۇشلار تۈركۈم–تۈركۈملەپ ئارقا–ئارقىدىن ئۆلۈشكە باشلىغان . گەرچە بۇنىڭ سەۋەبى ھازىرچە ئېنىق بولمىسىمۇ ، لېكىن مۇتەخەسسىسلەر ئېقىپ چىققان نېفىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلغان.
ئېنوت ئارىلى لۇئىسئانا ئىشتاتى تېررىبون رايونىنىڭ غەربىدىكى ساقىيقۇشلار ئەڭ كۆپ ماكانلاشقان ئارال. ئىگىلىنىشىچە، مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىدىن بۇرۇن، بۇ جايدا 60 مىڭدىن ئارتۇق قۇش بار ئىكەن.
نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ 100 نەچچە كۈندىن كېيىن، ئارالدىكى مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان قۇشلار ئۆلۈپ كەتكەن، ھايات قالغان بىر قىسىم قېرى - ئاجىز ۋە چۈجە قۇشلارمۇ ئۆلۈم گىردابىدا جان تالىشىۋېتىپتۇ.
بۇ يىل ئىيۇندا، ئامېرىكا كوننېل قۇششۇناسلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ئېنوت ئارىلىدىكى قۇشلارنىڭ ياشاش ئەھۋالى ئۈستىدە نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ۋە تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان بولۇپ ، نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى بۇ ئارالدىكى قۇشلارغا تەسىر كۆرسەتمىگەن دەپ قارىغان. لېكىن ئىيۇلغا كەلگەندە، ئارالدىكى قۇملۇق ساياز يەر ۋە قۇشلارنىڭ تېنىدىن نېفىت بۇلغىمىلىرى بايقالغان.
بوتۇلىزم ۋە كۆمۈرچەك ئالگىنىك كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىشمۇ قۇشلارنىڭ ئۆلۈشىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن، بۇ ئىككى خىل كېسەللىك باكتېرىيەسى چوڭ قۇشلار ئارىسىدا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ.


ساقىيقۇش ۋە قارلىغاچسىمان چايكىلار كۆپلەپ ئۆلۈپ كەتتى

ئارالدىكى مىڭلىغان–ئون مىڭلىغان قۇشلار ئۆلۈپ كەتتى