
يەرشارى تورى خەۋىرى : فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 14–سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا ، مېكسىكا قولتۇقىدا كەڭ دائىرىدە نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 13–سېنتەبىر پارلامېنتتىن 90 نەچچە مىليون دوللار ئاجرىتىپ ، قىرغاققا يېقىن دېڭىزدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز كەسپىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش ئىسلاھاتىغا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان .
ئوباما ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسى (Nancy Pelosi) غا يازغان خېتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: 90 نەچچە مىليون دوللار ئومۇمىي سوممىنىڭ ئىچىدىكى بىر بۆلەك مەبلەغ ھۆكۈمەت ئالاقىدار شىركەتلەردىن قوش ھەسسىلەپ يىغىۋالغان خىراجەتنى ئۇلارنىڭ قىرغاققا يېقىن دېڭىزدىكى نېفىت ئەسلىھەلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا ئىشلىتىش ئارقىلىق يىغىۋېلىنىدۇ ، قالغىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ خامچوت ئىلتىماس قىلىش ۋە باشقا رايونلارنىڭ نېفىت - تەبىئىي گاز كەسپىنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش خىراجىتىنى بىكار قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا غايەت زور زىيانغا ئۇچرىدى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىم ئىلتىماس قىلىنغان 90 مىليون دوللار مەبلەغدىن سىرت، ئوباما يەنە 90 مىليون دوللار ئاجرىتىپ، چوڭقۇر سۇ نېفىت - تەبىئىي گاز بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىستېراتىگىيە تەتقىقاتىغا ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان.