شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 31 – ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 31 – ئاۋغۇست ئاقسارايدا:ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش ۋەزىپىسى ئاخىرلاشتى،ئىراقنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىراق خەۋپسىزلىك قىسىملىرى ئۆتكۈزۈۋالدى، دەپ جاكارلىدى.
ئوباما: ئىراق ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتناشقىنىمدا بەرگەن ۋەدەم، ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئىراق ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپلا قالماي، ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. ئامېرىكا بۇ ئۇرۇشقا زور بەدەل تۆلىدى، دۆلەت ئىچىدە خام چوت جىددىي بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، نۇرغۇن مەبلەغنى چەت ئەللەردىكى جەڭگاھلارغا سەرپ قىلىشقا ‹‹خاتىمە بېرىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى ››، دېدى.
ئوباما يەنە: ئامېرىكا ھازىر زېھنى كۈچىنى ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قارىتىشى، خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالغان نۇرغۇن ئامېرىكىلىقنى يېڭىباشتىن ئىش ئورنىغا چىقىرىشى كېرەك، بۇ مېنىڭ مۇھىم ۋەزىپەم، دېدى.
ئامېرىكا 2003 – يىلى ئىراق ئۇرۇشىنى قوزغىغان. يەتتە يىلدىن كۆپرەك داۋاملاشقان بۇ ئۇرۇشتا 4400 دىن كۆپرەك ئامېرىكا ئەسكىرى قازا قىلدى، 30 مىڭدىن كۆپرەك كىشى يارىلاندى. ئۇرۇشىغا 700 مىليارد دوللاردىن كۆپرەك خىراجەت كەتتى. ئۇرۇش قىلىدىغان قوشۇنلار قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، تەخمىنەن 50 مىڭدەك ئامېرىكا ئەسكىرى ئىراقتا داۋاملىق تۇرۇپ، مەسلىھەت بېرىش ۋە ئىراق ئارمىيەسىنى مەشىقلەندۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.ئامېرىكىنىڭ بۇ ئەسكەرلىرى كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئىراقتىن چېكىندۈرۈلىدۇ.