ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

باش شۇجى خۇ جىنتاۋ كىم جۇڭئىل بىلەن چاڭچۈندە سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2010-يىلى09-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
باش شۇجى خۇ جىنتاۋ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى كىم جۇڭئىل بىلەن چاڭچۈندە سۆھبەت ئۆتكۈزدى 27–ئاۋغۇست ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ جېلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۈن شەھىرىدە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجى
  

باش شۇجى خۇ جىنتاۋ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى كىم جۇڭئىل بىلەن چاڭچۈندە سۆھبەت ئۆتكۈزدى

27–ئاۋغۇست ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ جېلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۈن شەھىرىدە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىم جۇڭئىل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

    شىنخۇا تورى ، بېيجىڭ ، 30–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: 27–ئاۋغۇست ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ جېلىن ئۆلكىسىنىڭ چاڭچۈن شەھىرىدە چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسى كىم جۇڭئىل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى . باش شۇجى خۇ جىنتاۋنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كىم جۇڭئىل 26–ئاۋغۇستتىن 30–ئاۋغۇستقىچە جۇڭگودا بىرەسمىي زىيارەتتە بولدى ھەمدە جېلىن ، خېيلوڭجياڭ ئۆلكىلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى .

   سۆھبەتتە ، خۇ جىنتاۋ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كىم جۇڭئىلنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ، گەنسۇ جۇچۈدە پەۋقۇلئاددە زور تاغ كەلكۈنى ، لاتقا–شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، چاۋشيەننىڭ تېلېگرامما يوللاپ ھال سورىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى . خۇ جىنتاۋ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : ھازىر جۇڭگو–چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھە ، ھەرقايسى تارماقلىرى ، شۇنداقلا چېگرا رايونلىرىنىڭ ئالاقە ھەمكارلىقى تېخىمۇ جانلىنىۋاتىدۇ ، ئىككى تەرەپ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋە رايون مەسىلىسىدە زىچ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ . جۇڭگو چاۋشيەن بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ ، جۇڭگو–چاۋشيەن دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسراش ۋە راۋاجلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

   خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو–چاۋشيەن ئىككى پارتىيە ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ، ئىككى تەرەپنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە تۈرلۈك خىزمەتنى نۇقتىلىق ياخشى ئىشلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن : بىرىنچىدىن ، يۇقىرى قاتلاملارنىڭ ئالاقىسىنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك ؛ ئىككىنچىدىن ، ئىقتىساد–سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن،  ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىش كېرەك.

   كىم جۇڭئىل خۇ جىنتاۋنىڭ قىزغىن تەكلىپىگە ۋە دوستانە كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى ، خۇ جىنتاۋنىڭ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بەرگەن باھاسى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن بەرگەن تەكلىپلىرىگە تامامەن قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . كىم جۇڭئىل مۇنداق دېدى : جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال رايونى جۇڭگو–چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ بۆشۈكى. بۇ قېتىملىق زىيارەت ئارقىلىق ، بىز ئىككى دۆلەتنىڭ پىشقەدەم ئىنقىلابچىلىرى ئۆز قوللىرى بىلەن بەرپا قىلغان چاۋشيەن–جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلدۇق . نۆۋەتتە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھە ، ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ ، شۇنداقلا چېگرا رايونلىرىنىڭ دوستلۇق ئالاقە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە ، ئىككى دۆلەت ياش–ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئالماشتۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ ، چاۋشيەن–جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

   سۆھبەتتىن كېيىن ، خۇ جىنتاۋ كىم جۇڭئىلنىڭ شەرىپىگە كۈتۈۋېلىش زىياپىتى بەردى.

   زىيارەت مەزگىلىدە ، كىم جۇڭئىل ئىلگىرى–كېيىن جېلىن ئۆلكىسىنىڭ جېلىن شەھىرى ، چاڭچۈن شەھەرلىرى ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى . مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ئېكىسكۇرسىيەدە ھەمراھ بولدى.

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر