ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئېلىمىزدىكى تاشيولدىكى تۇنجى پولات لىملىق يانتۇ تارتمىلىق كۆۋرۈك — كەڭساي كۆۋرۈكى تۇتاشتۇرۇلدى

2010-يىلى08-ئاينىڭ30-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
        لى پېيفىڭ، جاۋ گۇاڭپىڭ خەۋىرى : ئىشچىلار 28 – ئاۋغۇست چىدامچانلىقى يۇقىرى بولتىلارنى تۇتاشتۇرۇلغان كۆۋرۈك لىمىگە ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئېلىمىزدىكى تاشيولدىكى تۇنجى قوش تۈۋرۈكلۈك، قوش ئارقانلىق پولات لىملىق يانتۇ تارتمىلىق كۆۋرۈك كەڭساي كۆۋرۈكى
  

    

  لى پېيفىڭ، جاۋ گۇاڭپىڭ خەۋىرى : ئىشچىلار 28 – ئاۋغۇست چىدامچانلىقى يۇقىرى بولتىلارنى تۇتاشتۇرۇلغان كۆۋرۈك لىمىگە ئورنىتىپ بولغاندىن كېيىن، ئېلىمىزدىكى تاشيولدىكى تۇنجى قوش تۈۋرۈكلۈك، قوش ئارقانلىق پولات لىملىق يانتۇ تارتمىلىق كۆۋرۈك كەڭساي كۆۋرۈكى سىلىق تۇتاشتۇرۇلدى. نەق مەيداننى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئېغىزلارنىڭ جىپسىلىشىش نىسبىتى %100 كە يېتىپ، ھەرقانداق قوشۇمچە تەدبىر قوللىنىش ھاجەتسىز بولۇپ، سىلىق تۇتاشتۇرۇلغان.

    كەڭساي كۆۋرۈكىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ كۆۋرۈك ياساش تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ، سايرام – كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشىدا ئاچقۇچلۇق غەلىبىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى، شۇنداقلا بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا قاتناشنىڭ بالدۇرراق باشلىنىشىغا پۇختا ئاساس سېلىنغانلىقىدىن دېرەك بەردى.   

    مەلۇم بولۇشىچە، كەڭساي كۆۋرۈكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 700 مېتىر بولۇپ، ئۆتمە دىيامېتىرى 360 مېتىر، ئاساسىي تۈۋرۈكىنىڭ ئېگىزلىكى 209 مېتىر ۋە 215.5 مېتىر كېلىدىكەن، كۆۋرۈكنىڭ ئاساسىي قىسمىنىڭ قۇرۇلمىسى پولات لىملىق بولۇپ، مەملىكەت ئىچىدىكى كۆۋرۈك لىمىگە ئىشلىتىدىغان ئالاھىدە مەخسۇس پولات ماتېرىيالى ئىشلىتىلگەن، چىدامچانلىقى يۇقىرى بولتىلار بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، قۇراشتۇرۇش زىللىقى ئىككى مىللىمېتىر ئىچىدە كونترول قىلىنغان، چوڭ ھەجىملىك بېتون تېمپېراتۇرىسىنى كونترول قىلىش تېخنىكىسى، تۈۋرۈك ۋە لىمدا بىماس قەدەملىك قۇرۇلۇش قىلىش تېخنىكىسى، ھەرىكەتچان قېلىپ جازىسى قاتارلىق مەملىكەت ئىچىدىكى ئىلغار تېخنىكا تۇنجى قېتىم قوللىنىلغان. بۇ كۆۋرۈكنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشى ئېلىمىزنىڭ تاغلىق رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىدىكى كۆۋرۈك قۇرۇلۇشىغا قىممەتلىك تەجرىبە توپلاپ بەردى.

    قۇرۇلۇش پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قاتناش قىيىنچىلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە، شەھەرلەردىن ھاۋا رايى چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان ھالدا ئۈرۈمچىگە بارغىلى بولىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

 

( مۇھەررىر : بۇئايشەم )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!