
25–ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن ، 6–نۆۋەتلىك شىنجاڭ خەلقئارا ساياھەت بايرىمى ۋە 7–نۆۋەتلىك خوتەن قاشتېشى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى خوتەن شەھىرىدە باشلاندى .
24–ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات تارقىتىش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە ، بۇ ‹‹ئىككى بايرام››نى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى ئويۇشتۇرغان بولۇپ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى بىلەن خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان . ‹‹ ئىككى بايرام ››غا 24 دۆلەتتىن كەلگەن 600 دىن ئارتۇق مېھمان قاتنىشىدىكەن .
