نۆۋەتتە ، سايرام–كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا
2010–يىلى ، سايرام–كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ ھەل قىلغۇچ يىلى بولۇپ ، نۆۋەتتە ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن 2010–يىلى پۈتۈن لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، ئەسلىدىكى پىلان بويىچە قاتمۇ قات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ، قۇرۇلۇشنى تەرتىپلىك ، جىددىي ئېلىپ بارماقتا .
ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 56.2 كىلومېتىر كېلىدىغان دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى—سايرام–كەڭساي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئېگىز تاغ كۆلى دەپ ئاتالغان سايرام كۆلىدىن باشلىنىپ ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى كەڭساي جىلغا ئېغىزىدا ئاخىرلىشىدۇ . بۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشىدا 2006–يىلى 8–ئايدا رەسمىي قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ ، 2 مىليارد 390 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان .