5-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى <گازارمىلارنى ئېچىۋېتىش كۈنى> پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ ، 300 دىن ئارتۇق شەھەر ئاھالىسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى كۈتىۋالدى . ئېكسكۇرسىيىچىلەر ساقچى گازارمىلىرىدا ھەرخىل ھەربىي ئۈسكۈنىلەر ، ساقچى ئاپشاركىلىرى ۋە ئەڭ يېڭى ئامانلىق ساقلاش ئەسلىھەلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقتى . ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر يەنە ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرلىك دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى ۋە ئامانلىق-قوغدىنىش بىلىملىرى تەربىيىسى ئېلىپ باردى .
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!