يېقىندا ئۈرۈمچىدە يۈك ماشىنىسى مەكتەپ ئالدىدا ئادەم سوقۇپ قېچىپ كېتىشتەك ئېغىر قاتناش قائىدىسىزلىق ۋەقەسى يۈز بەردى . ۋەقە 23-چېسلا چۈشتىن كېيىن يۈز بەرگەن بولۇپ ، قىزىل رەڭلىك بىر چوڭ تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 69-باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇدۇلىدىكى ئەگىلمىدىن قايرىلىۋاتقاندا يول بويىدا كېتىۋاتقان ئىككى ئوغۇل بالىنى سوقۇۋەتكەن ھەمدە تېز سۈرئەتتە نەق مەيداندىن قېچىپ كەتكەن . سوقۇلۇپ كەتكەن بالىلاردىن بىرى قازا قىلىپ يەنە بىرى ئېغىر يارىلانغان . نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش ساقچى تارماقلىرى ۋەقە تۇغدۇرغان يۈك ماشىنا شوپۇرىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدىمەكتە .