30-ماي شىنجاڭدىن ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 نەپەر <تەڭرىتاغ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىرى كىچىك ئەلچىلىرى> ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭ خەلق سارىيى ، تيەنئەنمېن مەيدانى ۋە دۆلەت بايرىقى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ گازارمىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدى . بۇ 100 نەپەر ئۆسمۈر ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تاللاپ چىقىلغان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرى بولۇپ ، 1-ئىيۇن مەزگىلىدە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يىغىلغان مۇنەۋۋەر ئۆسمۈرلەر بلەن بىرلىكتە پايتەختتىكى بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ .