ۋەقەدە 11ئادەم قازا قىلىپ ، ئىككى ئادەم يارىلاندى

قاتناش ساقچىلىرى گۇاڭنىڭ ناھىيەسى گۇشۈي بازىرىدا ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيداننى تەكشۈرمەكتە
1–ئاۋغۇست سائەت 17:32 دە ، ئېغىر تىپلىق بىر سۆرەش ئاپتوموبىلى جاۋچىڭ شەھىرى گۇاڭنىڭ ناھىيەسى گۇشۈي بازىرى يول بۆلىكىدە كېتىۋېتىپ ، ئۇدۇل تەرەپتىن كەلگەن بىر ئارىبۇس ۋە بىر پىكاپ بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن ، ۋەقەدە 11 ئادەم قازا قىلىپ ، ئىككى ئادەم ئېغىر يارىلانغان .
نۆۋەتتە ، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى سۈرۈشتۈرۈلمەكتە .
