
سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن ، بۇ يىل 11–سېنتەبىردىن 20–سېنتەبىرگىچە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى 100 مىليونغا يېقىن بالىلارغا مەملىكىتىمىزدە ئىشلەنگەن قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملىنىدىغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئاساسلىق ئوبېيكتى سەككىز ئايلىقتىن تۆت ياشقىچە بولغان بالىلار ئىكەن ، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى قىزىلغا قارىتا ئىممۇنىتېتنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدىكەن .
6–سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، بېيجىڭ شەھەر ئاھالىسى خۇا خانىم بۇ قىزىل ۋاكسىنىسىنى ‹‹ زەھەرلىك دورا ›› دېگەن قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ ، بۇ قىسقا ئۇچۇر شۇ كۈنى توردا ناھايىتى تېزلىكتە تارقىلىپ ، ئائىلە باشلىقلىرىنى ساراسىمىگە سالغان .
بۇ ئىشقا نىسبەتەن ، سەھىيە مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ بۇ قېتىم بالىلارغا ئىمپورت قىلىنغان قىزىل ۋاكسىنىسى ئەملەنمەيدىغانلىقىنى ، نۆۋەتتە ئەملەنمەكچى بولغىنى مەملىكىتىمىزدە ئەملىنىپ كېلىۋاتقىلى 44 يىل بولغان سۈپىتى كاپالەتكە ئىگە كونا ۋاكسىنا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .