
1–سېنتەبىر ، كىشلەر لاھۇردا يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە يارىلانغانلارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭماقتا
شىنخۇا تورى ، ئىسلامئاباد 4–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : 9–ئاي كىرىشى بىلەن ، پاكىستاندا كەلكۈن ئاپىتى تەدرىجى پەسەيگەن بولسىمۇ ، بىراق تېررورلۇق يەنە قايتىدىن ئەۋج ئېلىپ ، ئاممىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كەينى–كەينىدىن يۈز بەردى . تەبىئىي ئاپەت تېخى يىراقلاشماستىنلا ، سۈنئىي ئاپەت يەنە كۆپلەپ يۈز بېرىشكە باشلىدى . بۇ پاكىستاننىڭ نۆۋەتتە ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ، شۇنداقلا پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ زور سىناققا دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى .
تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بۇزغۇنچىلىق قىلىش قەستىدە بولدى
3–سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن ، پاكسىتاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر شەھەردە ، مىڭلىغان شىئە مەزھىپىنىڭ مۇسۇلمانلىرى دىنىي يىغىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقاندا ئادەم بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، 70 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى ، 200 گە يېقىن ئادەم يارىلاندى . 1–سېنتەبىر كەچ ، پاكىستاننىڭ شەرقىدىكى لاھۇر شەھىرىدە ، ئونمىڭلىغان شىئە مەزھىپىدىكى ئامما دىنىي خاتىرلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا ئۈچ قېتىم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، ئاز دېگەندە 37 ئادەم قازا قىلدى ، 300 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى .
پاكىستاندىكى تالىبان تەشكىلاتى‹‹ پاكىستان تالىبان ھەرىكىتى›› ۋە پاكىستان سۈننىي مەزھىپىنىڭ رادىكال تەشكىلاتى ئايرىم–ئايرىم ھالدا يۇقىرقى ئىككى قېتىملىق پارتىلىتىش ۋەقەسىنى سادىر قىلغانلىقىنى جاكارلىدى . دىققەت قىلىدىغان بولساق ، پاكىستاندا يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدە ئاساسلىق تىغ ئۇچى شىئە مەزھىپىنىڭ مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان .
پاكىستاندا تەخمىنەن 160 مىليون نوپۇسنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكى سۈننىي مەزھىپىگە تەۋە . ئۆتكەن 20 يىلدا ، پاكىستاندا سۈننىي مەزھەپ بىلەن شىئە مەزھىپى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا قازا قىلغانلار نەچچە مىڭدىن ئاشقان .
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : تالىبان ، ‹‹ بازا›› تەشكىلاتىنىڭ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشتىكى مەقسىدى ‹‹سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇپ ›› ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىلىق ۋەزىيەت ھازىرلاشتىن ئىبارەت .
ھۆكۈمەت زور بېسىمغا دۇچ كەلدى
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ، پاكىستاندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ، پاكىستان ھۆكۈمىتىگە زور بېسىم ئېلىپ كەلدى .
پاكىستان شىئە مەزھىپىنىڭ دىنىي رەھبىرى ھۆكۈمەتنى ‹‹ سۈكۈتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرمەس›› لىككە دەۋەت قىلىپ ، ئەگەر ھۆكۈمەت ئاممىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغدىمىسا ، ھۆكۈمەتنىڭ ئابرويى خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ ، دېدى .
پاكىستاندا يېقىندا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى ئاممىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى . ئامما بەس–بەستە ساقچى تەرەپ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىگە سەل قارىغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ، ھەتتا بەزى غەزەپلەنگەن ئامما ساقچى ئەسلىھەلىرى ۋە ئاپتوموبىللىرىغا ئوت قويۇۋەتتى . ساقچى تەرەپ ئامالسىز ياش ئاققۇزغۇچى بومبا ئېتىپ ، ئاممىنى تارقاقلاشتۇردى .

پاكىستان‹‹ كۈندىلىك گېزىتى›› دە ، ھۆكۈمەت ، بىخەتەرلىكنى ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار ھەمدە دىنىي تەشكىلاتلار چوڭ تىپتىكى ئاممىۋى يىغىلىش پائالىيەتلىرىنى توسۇشى ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك . چۈنكى ئوخشاش بولمىغان دىنىي مەزھەپتىكىلەر يىغىلىش پائالىيىتىدىن پايدىلىنىپ ، تېخىمۇ زور بالايى ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، تېخىمۇ كۆپلىگەن ئاممىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ، دەپ كۆرسىتىلدى .
تەھلىلچىلەر مۇنداق دېيىشتى : پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىپ ، تېررورلۇققا زەربە بېرىش تەدبىرلىرىنى بوشاشتۇرۇپ قويدى . تېررورلۇق ھۇجۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھاياتىي زىيان ۋە جامائەتچىلىك بېسىمى ، پاكىستان ھۆكۈمىتىگە يەنە بىر قېتىم تېررورلۇققا زەربە بېرىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى .
پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى ۋە زۇڭلى جىلانى بايانات ئېلان قىلىپ ، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ ، پەردە ئارقىدىسىكى قارا قولنى تۇتۇشقا قەسەم بەردى .
پاكىستان ھۆكۈمىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى : تېررورلۇققا زەربە بېرىش كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبلىك تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ .
ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۆز ئارا باغلىنىشلىق
31–ئاۋغۇست ، پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تەتتا رايونىدا ، بىر بالا داۋالاشنى كۈتمەكتە . ئاز كۆرۈلىدىغان كەلكۈن ئاپىتى شۇ يەرگە زور بالايى ئېلىپ كېلىپ ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سالماقتا
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى : نۆۋەتتە پاكىستاندىكى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتى ئۆز ئارا باغلىنىشلىق ھەم ئۆز ئارا پۇتلىكاشاڭ بولماقتا .
بىر تەرەپتىن ، كەلكۈن ئاپىتى تالىبان قاتارلىق قوراللىق تەشكىلات بىلەن غەربتىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا كۈچلۈك قۇتقۇزۇش رىقابىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى . تالىبان رادىكال ئۇنسۇرلىرى بۇ پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، بۇنىڭدىن كېيىنكى قوشۇنى زورايتىش ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلىماقچى بولدى . پاكىستاندىكى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى : پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەبىئىي ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىش تەدبىرى بىۋاستە كەلگۈسىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . ئەگەر ھۆكۈمەت ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا تىرىشمىسا ، دىنىي رادىكار ئۇنسۇرلىرىغا پايدىلىق شارائىت ھازىرلاپ بەرگەن بولىدۇ .
يەنە بىر تەرەپتىن ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا زېھنى كۈچ ۋە مالىيە كۈچى بىر–بىرىنى چەكلەيدۇ . نۆۋەتتە ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت قوش ۋەزىپە پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ زېممىسىنى باسماقتا ، بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش پاكىستاننڭ كەلگۈسى ۋەزىيىتىدە ئىنتايىن مۇھىم .