413 نەپەر مەركىزى سانائەت ئامانلىق قوغداش ئەترىتى (CISF) دىكى قىزلار ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى خاتىرلىمەكتە
شۇ يەر ۋاقتى 30-ئاۋغۇست، ھىندىستان ھاردىرئابادتا، 413 نەپەر مەركىزى سانائەت ئامانلىق قوغداش ئەترىتى (CISF) دىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى خاتىرلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 46 نەپەر قىز ئامانلىق قوغدىغۇچى بار. مەركىزى سانائەت ئامانلىق قوغداش ئەترىتى ھىندىستاننىڭ ھەربىي ئىشلار ئامانلىقى، ئاساسلىقى يادرو قوراللىرىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاۋىئاتسىيە ئەسلىھەلىرى، ئايرودىروم ۋە پورت ئېغىزىلىرىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.