ئەنگىلىيە قۇياش گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، ئەنگىلىيىنىڭ لايستېر ئايمىقى مورىس شەھىرىدە تۇرۇشلۇق 34 ياشلىق سابىق قۇرۇقلۇق ئارمىيە لېيتنانتى ئەيدى ستاۋورد 2008-يىلى 3-ئايدا ئامازون دەرياسىنىڭ باشلىنىش مەنبەسى بولغان چىلى مۇزلۇقىدىن يولغا چىققاندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە ئىزچىل دەريانى بويلاپ پىيادە يول يۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ ، ھازىرغىچە جەمئىي 4000 ئىنگلىز مىلدىن ئارتۇق يول يۈرۈپ بولغان ھەمدە ئامازون دەرياسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى __ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىغا پەقەت نەچچە كۈنلۈكلا يول قالغان . ئەگەر ئۇ ئاخىرقى مۇساپىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالىسا دۇنيادىكى ئامازون دەرياسىنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ تىرىك قايتىپ چىقالىغان تۇنجى ئادەم بولۇپ قالىدىكەن .