ئىتالىيىلىك داڭلىق رەسسام داۋىنچ 1503-يىلى سىزغان <موننالىزانىڭ كۈلۈمسىرىشى> ناملىق ئەسەر ئىزچىل سەنئەت ساھەسى ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكىلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان سىرلىق تېما بولۇپ ، ئەسەرنىڭ سىزىلىش ئۇسلۇبى ۋە ئىچىگە يۇغۇرۇلغان يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئامىللىرى ئىنتايىن مول ھەم سىرلىق دەپ قارىلىپ كەلگەن .
يېقىندا فرانسىيىلىك ئالىملار ئۇزۇن مەزگىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق رەسىمدىكى بىر قىسىم سىرلارنى يېشىپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى . يەنى داۋىنچ بۇ رەسىمنى جەمئىي 30 قەۋەت بويىغان بولۇپ ، بارلىق بوياق قەۋەتلىرىنىڭ قېلىنلىقىنى يىغىپ كەلسىمۇ ئاران 40 مىكرومېتر (مىڭدىن بىر مىللىمېتر) كېلىدىكەن ، بۇ ھەتتا ئادەم چېچىنىڭ توملۇقىنىڭ يېرىمىچىلىكمۇ كەلمەيدىكەن .
