بۇ سۈرەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش بولغان دۇبەي خەلىپە مۇنارىنى چاقماق سوقۇۋاتكەن پەيتتىكىكۆرۈنۈش ناھايىتىمۇ ئەپچىللىك بىلەن تارتىۋېلىنغان . سۈرەتنى تارتقۇچى دۇبەيدە ئوقۇۋاتقان پاكىستانلىق 23 ياشلىق ئوقۇغۇچى مۇھەممەد ھەمدان بولۇپ ، قاتتىق قارا يامغۇر
بۇ سۈرەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش بولغان دۇبەي خەلىپە مۇنارىنى چاقماق سوقۇۋاتكەن پەيتتىكى كۆرۈنۈش ناھايىتىمۇ ئەپچىللىك بىلەن تارتىۋېلىنغان . سۈرەتنى تارتقۇچى دۇبەيدە ئوقۇۋاتقان پاكىستانلىق 23 ياشلىق ئوقۇغۇچى مۇھەممەد ھەمدان بولۇپ ، قاتتىق قارا يامغۇر يېغىۋاتقان كۈنى كېچىدە فوتو ئاپپاراتىنى ئېلىپ دۇبەينىڭ يامغۇردىكى كېچىلىك مەنزىرىسىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن چىققاندا كۈتۈلمىگەندە غايەت زور چاقماق ئېقىمى دۇبەي مۇنارىنىڭ نەق ئۇچىنى سوقۇۋاتقان پەيتنى كۆرۈپ قېلىپ ئەڭ تېز سۈرئەتتە رەسىمگە تارتىۋالغان . ئىگىلىنىشىچە دۇبەي خەلىپە مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 828 مېتر بولۇپ ، ئادەتتە يەر يۈزىدىن 1-3 كىلومتېر ئېگىزلىكتىكى چاقماقنىڭ توك كۈچى 100 مىليون ۋولتتىن ئېشىپ كېتىدىكەن . ئەلۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇش بولغان دۇبەي مۇنارىنىڭ چاقماق قايتۇرۇش ئىقتىدارىمۇ دۇنياۋى سەۋىيىدە بولغاچقا ھەر قانداق دەرىجىدىكى چاقماقنىڭ ئۇرۇلۇش كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلەيدىكەن .
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!