ئامېرىكا سىملىق تېلىۋېزىيە خەۋەرلەر تورىنىڭ نەقىل كەلتۈرىشىچە ، بىر نەچچە دۆلەت مۇتەخەسىسلىرىدىن تەشكىل تاپقان تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 17-ئىيۇل ۋېنسۇئېلا پايتەختى گاراگاستا جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى بولىۋارنىڭ جەسەت سۆڭىكىگە قارىتا خىمىيىلىك ئانالىز ئېلىپ بارغان . ۋېنسۇئېلا زۇڭتۇڭى چاۋېس شۇ كۈنى بۇ خەۋەرنى دەلىللىدى ھەمدە بولىۋارنىڭ جەسىتىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى . بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى بولىۋارنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى ئېنىقلاش بولۇپ ، تارىخي ماتېرىياللاردا گەرچە ئۆپكە تۇبېركليۇز بىلەن قازا قىلغان دەپ خاتىرىلەنگەن بولسىمۇ ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئىزچىل ھالدا ئۇنى دۈشمەن تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن ، دەپ قاراپ كەلمەكتە .
سىمون بولىۋار 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى ۋە ئاتاقلىق مىللىي قەھرىمان بولۇپ ، ئېكۋادور ، ۋېنسۇئېلا ، كولۇمبىيە ۋە بولىۋىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتنى ئازاد قىلغان ھەمدە بولىۋىيىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان . ئۇنىڭ ئىسمى بولىۋىيىنىڭ دۆلەت نامى قىلىنغاندىن باشقا يەنە ۋېنسۇئېلانىڭ پۇلى ۋە كۇبانىڭ دۇنياغا داڭلىق قەھۋەسىگە ئۇنىڭ ئىسمى قويۇلغان .
بولىۋار خاتىرە سارىيى