ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

‹يۈزسىز ئانا› يېڭى سۈنئىي چىرايغا ئېرىشتى

2010-يىلى07-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
ئامېرىكىلىق كرىس ستايرېس بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، 11 يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر قېتىملىق تاساددىبىي ھادىسىدە يۈز قىسمى ئېغىر يارىلىنىپ ، ئىككى كۆزى ئەما بولۇپ قالغاندىن باشقا يەنە يۈزىنىڭ يېرىمىدىن ئايرىلىپ قالغان . شۇندىن بۇيان ئۇ ئۆزىنىڭ بەتبەشىرە چىراي
  

ئامېرىكىلىق كرىس ستايرېس بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، 11 يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر قېتىملىق تاساددىبىي ھادىسىدە يۈز قىسمى ئېغىر يارىلىنىپ ، ئىككى كۆزى ئەما بولۇپ قالغاندىن باشقا يەنە يۈزىنىڭ يېرىمىدىن ئايرىلىپ قالغان . شۇندىن بۇيان ئۇ ئۆزىنىڭ بەتبەشىرە چىرايىنى باشقىلارغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن كۈن بويى نىقاب تاقاپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان .

يېقىندا تاشقى كېسەل ۋە ھۆسىن تۈزەش مۇتەخەسىسلىرى ئۇنىڭ ھادىسىگە ئۇچراشتىن ئىلگىرىكى رەسىمىنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ ، سىلتسىيلىق يىلىمدىن ئۇنىڭغا بىر مۇكەممەل <سۈنئىي چىراي> ياساپ <ئورنىتىپ> بەرگەن بولۇپ ، بۇ سۈنئىي يۈزگە تەقلىدىي بۇرۇن ، كۆز ۋە قاڭشار ئەپچىللىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا يەنە قاش-كىرپىكلەرمۇ ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ماسلاشتۇرۇلغان .

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!