ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

شىنجاڭ مالىيە ــ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلدى

2010-يىلى09-ئاينىڭ18-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
    ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز ، پراكتىكانت مۇخبىرىمىز ئابلەتجان خەۋىرى ، فوتوسى : 17–سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئ
  

    ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز ، پراكتىكانت مۇخبىرىمىز ئابلەتجان خەۋىرى ، فوتوسى : 17–سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ، شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ئېچىلدى . ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن ، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو ، جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى چېڭ تيەنچۈەن ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى نازارەت ، ئىدارە–ئورگان شۇنداقلا ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى .

    يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ناھايىتى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى . مەيداننىڭ ئەتراپى ئوقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلار بىلەن لىق تولغان بولۇپ ، ھۆرمەت توپلىرىنىڭ ئېتىلىشى ، گۈلدۇراس ئالقىش سادالار كەيپىياتنى تېخىمۇ كۆتۈرۈۋەتكەنىدى .

    شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ، پروفېسسور ئەسقەر تۇرسۇن ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى : مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلىنىۋاتقان مانا بۈگۈنكى كۈندە شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆزىنىڭ 60 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى . 60 يىلدىن بۇيان ، شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلەپ ، سىنىپ ، ئوقۇتقۇچى بولماسلىقتەك ناھايىتى قىيىن شارائىتلارنى يېڭىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرىدىغا ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى ؛ 60 يىلدىن بۇيان ، نەچچە ئەۋلاد مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىلىقلار قەتئىي ئىرادىسى بىلەن ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ ، مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ساداقىتى ۋە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدى ؛ 60 يىلدىن بۇيان ، كەڭ ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى–خىزمەتچىلەر جاپاغا چىداپ ئىشلەپ ، خالىس تۆھپە قوشۇپ ، ئۆزىنىڭ چەكسىز ساداقىتىنى تۈركۈم–تۈركۈم سوتسىيالىزىمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىنى تەربىيەلەشكە سەرپ قىلدى ؛ 60 يىلدىن بۇيان ، ئاپتونوم رايونىمىز رەھبەرلىرىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ھۆكۈمەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى قېرىنداشلارنىڭ مەكتىپىمىزنى قوللىشى ئاساسىدا ، شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئۇنتۇپ قالماي ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بەلگىلىك تۆھپىسىنى قوشتى .

    ئەسقەر تۇرسۇن سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ‹‹ شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنى ياخشى باشقۇرۇپ ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ تىنچ بولۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشايلى ! ›› دېگەن تەبرىكنامىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى .

    ئارقىدىن شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى ، پروفېسسور سۈي گۇاڭلىيەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى : بۈگۈن بىز بۇ يەرگە جەم بولۇپ ، شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 60 يىللىق تويىنى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز . مائارىپ مىنىستىرلىقى ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە قېرىنداش ئالىي مەكتەپلەر مەكتىپىمىزنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەپ تەبرىكنامە ئەۋەتتى . مەن شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچى ، ئىشچى–خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن ، مەكتىپىمىزنىڭ 60 يىللىق تويىغا قاتناشقان بارلىق رەھبەرلەر ، مېھمانلار ، مەكتەپداشلار ۋە دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن . شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى 1950–يىلى قۇرۇلغاندىن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئاساسى شىنجاڭ ئۆلكىلىك مەمۇرىي خادىملارنى تەربىيەلەش سىنىپى ئىدى . 2000–يىلى ئەسلىدىكى شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئىنىستىتۇتى شىنجاڭ ئىقتىساد باشقۇرۇش كادىرلىرى ئىنىستىتۇتى بىلەن شىنجاڭ مالىيە باج ئىشلىرى مەكتىپى قوشۇۋېلىپ يېڭى شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئىنىستىتۇتىغا ئايلاندى ؛ 2007–يىلى مەكتەپنىڭ نامى شىنجاڭ مالىيە ــ ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلدى . ۋاڭ جېن ، دېڭ لىچۈن ، بورھان شەھىدى ، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىق پېشقەدەم ئىنقىلابچىلار مەكتەپنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتناشتى . مانا ھازىر شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شانلىق تارىخى بار بولدى . شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇتقۇچى– ئوقۇغۇچى ، ئىشچى–خىزمەتچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە ، ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىپ ، مەكتەپنىڭ يېڭى قىياپىتىنى نامايان قىلىشقا تىرىشىمىز . شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ !

 

    مەكتەپ مۇدىرى سۈي گۇاڭلىيەن سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن ، ئۈچ ئەۋلاد شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىلىقلار مەكتەپنىڭ 60 يىللىقىغا بولغان بېغىشلىمىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى . ئۇلار ئۆز بېغىشلىمىسىدا مەكتەپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسىگە بولغان تولۇپ تاشقان ئىشەنچىسىنى ئىپادىلىدى . مەيدان ئىچىدە گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمىدى . ئارقىدىن جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى چېڭ تيەنچۈەن ۋە جۇڭشىن بانكىسىنىڭ ئۈرۈمچى شۆبە بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى ، بانكا باشلىقى جاۋ داچىڭ قاتارلىقلار مەكتەپداشلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى ھەمدە مەكتەپنىڭ 60 يىللىق تويىنى قۇتلۇقلايدىغانلىقىنى ، بۇنىڭدىن كېيىن مەكتەپنىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىنى ، تېخىمۇ كۆپ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى . ئارقىدىن مەكتەپنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان 31 نەپەر ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى–خىزمەتچى تەغدىرلەندى .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!