ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئاپتونوم رايون 26–قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى

2010-يىلى09-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
جاڭ چۈنشيەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ ، ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ، ئاپتونوم رايونلۇق
  

جاڭ چۈنشيەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ ، ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىپ ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى

 
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى يىغىندىن ئىلگىرى ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

   چېڭ لىشىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى قاتارلىقلار 9 – سېنتەبىر، يەنى 26 – قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 50 نەچچە ۋەكىلى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى. جاڭ چۈنشيەن يېقىندا ئاپتونوم رايونىمىزدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى ليۇ يەندۇڭنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزىكى مائارىپچىلارغا يوللىغان بايراملىق سالىمىنى يەتكۈزدى ھەم ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇپ، مائارىپ قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىپ، ياخشى ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاققىچە ئەمىنلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىختساسلىقلار مەدىتى ۋە ئەقلىي مەدەت بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

   ئوقۇتقۇچىلارنىڭ 11 مىللەتتىن بولغان 50 نەچچە ۋەكىلى ئارىسىدا چاچلىرى ئاقارغان، دەم ئېلىشقا چىققان پىروفېسسورلارمۇ، جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان ياش ئوقۇتقۇچىلارمۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىن كەلگەن يەسلى باشلىقلىرىمۇ بار ئىدى، كۆپچىلىك چىرايلىق كىيىنگەن بولۇپ، چېھرىدە شادلىق جىلۋە قىلىپ تۇراتتى.

   قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى 14 – كەنتىدىكى قوش تىللىق يەسىلىنىڭ باشلىقى مۇيەسسەر ئابدۇرېشىت مۇنداق دېدى: ‹‹يېزىلاردىكى قوش تىللىق يەسلىلەردىن ئاۋام بەك رازى. مەن يۇرتداشلارنىڭ <كەنتىمىزدە بۇنداق چىرايلىق يەسلىنىڭ قۇرۇلۇشى، بالىلىرىمىزنىڭمۇ يەسلىلەردە قوش تىل ئۆگىنەلەيدىغان بولۇشى> ئۇخلاپ چۈشىمىزگىمۇ كىرمىگەنىدى، دېگىنىنى دائىم ئاڭلايمەن››.

   بۇ يىل ھەر دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تولۇقلىما ياردەم پۇلى ئۆستۈرۈلدى، ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلارمۇ پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى ۋە غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى. تەشكىلنىڭ بىزگە بولغان غەمخورلۇقىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن، بىز تىرىشىپ ئىشلەپ، ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىدۇق – ، دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى گۈلزار تۇرسۇن مىننەتدارلىق بىلەن.

   شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان 81 ياشلىق ئوقۇتقۇچىسى، مەملىكەت بويىچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىسى، مەملىكەت بويىچە ئىلغار خىزمەتچى جاڭ نيەنسى ھاياجانلىنىپ: ‹‹ئەتە 26 – قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى، ھازىر ھەممىدىن بەك <پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن ھاياتىمنى تەقدىم قىلىشنى خالايمەن> دېگۈم كېلىۋاتىدۇ›› دېدى. ئۇنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان سۆزى قىزغىن ئالقىشقا سازاۋەر بولدى. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەككىز ۋەكىلى سۆزلىگەندە، جاڭ چۈنشيەن پات – پات ئۇلاردىن ئەھۋال ئىگىلەپ، پىكىرلىشىپ تۇردى.

   جاڭ چۈنشيەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆز قىلدى. ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئۇزاقتىن بۇيان جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشقان ئوقۇتقۇچىلار، مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە قېرىنداش ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، ‹‹ئىككى ئاساسەن›› نىشانىغا ئومۇميۈزلۈك يەتتۇق، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپنىڭ كۆلىمى سىجىل ئاشتى، ئالىي مائارىپ سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، مائارىپ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تېز راۋاجلاندى. بۇ نەتىجىلەرگە بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى، قان – تەرى مۇجەسسەملەنگەن.

   جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ماس تەرەققىي قىلىشىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى يەنىمۇ ياخشى يولغا قويۇشى، كەسپىي مائارىپنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى، ئالىي مائارىپ سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر مائارىپ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمىتى، ئۆگىنىشى ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىقنى جەمئىيەتتە ئەڭ قەدىرلىنىدىغان، ھەۋەس قىلىدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەپ، مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ياخشى ئىجتىمائىي كەيپىيات شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

   جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچى ھاياتلىقتىكى يول باشلىغۇچى، بىلىم ۋە ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتكۈچى، شۇنداقلا ئادىمىيلىك يولىغا ئاساس سالغۇچى؛ ئوقۇتقۇچى بولۇش ئىنتايىن شەرەپلىك، ئۇلار شۇنىڭدىن نۇرغۇن خۇشاللىققا ئېرىشىش بىلەن بىللە، زىممىسىگە چەكسىز مەسئۇلىيەتنى ئالغان بولىدۇ. جاڭ چۈنشيەن ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلارنى پارتىيەنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈشكە؛ تەربىيە قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، ئەخلاق تەربىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىدارغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا مېڭە ئىشلىتىشنى، بىلىم ۋە تۇرمۇش ئۆگىنىشنى، ئادەم بولۇشنى، توغرا ئىش قىلىشنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنى سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە ئىشەنچلىك ئىز باسارلىرىغا ئايلاندۇرۇشقا كۈچەشكە؛ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى، مەدەنىيەت ئارقىلىق يېتەكلەش نەمۇنىچىسى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىقنى قوغدايدىغان ئەمەلىيەتچى ھەم باشلامچىلاردىن بولۇشقا؛ ۋەتەننى سۆيۈپ، گۈزەل ماكان، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر