ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مۇراتبېك ئىمانالىيېف بىلەن كۆرۈشتى
ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى 1 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئايرىم ئايرىم ھالدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مۇراتبېك ئىمانالىيېف ۋە پاكىستان دۆلىتى پاكىستان جۇڭگو ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساشىد ھۈسەيىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
نۇر بەكرى كۆرۈشۈشتە، ئالدى بىلەن بۇ ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى شىنجاڭغا تېپىلغۇسىز پايدىلىق تەرەققىيات پۇرسىتى ئاتا قىلدى. نۆۋەتتە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تىرىشىپ ئىشلەپ، بايباياشات ھەم ئېجىل – ئىناق شىنجاڭ قۇرۇشقا بەل باغلىدى. شىنجاڭ ئاسيا – ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم. بولۇپمۇ، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدىكى رولى بارغانسېرى گەۋدىلىك ئورۇنغا ئۆتۈپ، جۇڭگونى ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا باغلاپ تۇرىدىغان مۇھىم بەلباغقا ئايلاندۇردى. بولۇپمۇ، يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى جۇڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى بىلەن ئەتراپتىكى قوشنا ئەللەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىدىكى ئىنتايىن ياخشى سەھنىگە ئايلاندى. بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ يەرمەنكىگە قاتنىشىش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولدى. بۇ جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك سودىگەرلەرنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتى ۋە شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسىنڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ، پاكىستان دۆلىتى پاكىستان جۇڭگو ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساشىد ھۈسەيىن بىلەن كۆرۈشتى
نۇر بەكرى مۇنداق دېدى: بىز شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنى ئىلگرىكىگە ئوخشاشلا داۋاملىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن پاكىستان بىلەن جۇڭگو شىنجاڭنىڭ دوستلۇق ئالاقىسىنى كۈچەيتىشكە داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
كۆرۈشۈشتە، مۇراتبېك ئىمانالىيېف مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن ئەتراپتىكى قوشنا ئەللەر ۋە رايونلارنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
كۆرۈشۈشتە، مۇساشىد ھۈسەيىن مۇنداق دېدى: بىز بۇنىڭدىن كېيىن پاكىستانجۇڭگو ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولىدىن پايدىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىچىلارنى جۇڭگو شىنجاڭغا كېلىپ ئىقتىساد – سودا پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ۋە كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹‹جۇڭگوئاسىيا ياۋروپا كۆرگەزمىسى››گە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ئىقتىساد – سودا، پۇل مۇئامىلە، مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق ۋە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىنىش ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.