ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

خەلقئارالىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىنستىتۇتى ۋيېنادا قۇرۇلدى

2010-يىلى09-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:ئۇچۇر تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
2-سېنتەبىر، ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېينادا، ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون خەلقئارالىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىنستىتۇتى قۇرۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا خەلقئارالىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىنستىتۇتى شۇ كۈنى ۋېينادا رەسمىي قۇرۇلدى. ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون
  





2-سېنتەبىر، ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېينادا، ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون خەلقئارالىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىنستىتۇتى قۇرۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلماقتا




خەلقئارالىق چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئىنستىتۇتى شۇ كۈنى ۋېينادا رەسمىي قۇرۇلدى. ب د ت نىڭ باش كاتىپى بان كىمون، 90 دۆلەتتىن كەلگەن 30 دىن ئارتۇق مىنىستىر ۋە ئەمەلدارلار، كارخانا، ئىجتىمائىي تەشكىلات ھەم ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 600 دىن ئارتۇق ئادەم ۋېينادىكى ناكخوۋ سارىيىدا قۇرۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.




بۇ ئىنستىتۇتنىڭ ۋەزىپىسى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيىسى ۋە كەسپىي تەربىيلەش؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى ئىلمىي تەتقىقاتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا ئالاقىدار تېخنىكىلىق ياردەمنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ساھەسى بىلەن خەلقئارانىڭ بىرلىكتە تورلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!