ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

19–نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزۈلدى

2010-يىلى09-ئاينىڭ01-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
   ئىمىنجان داۋۇت خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 31 – ئاۋغۇست كەچ 19 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچى ‹‹يەر شارى›› مېھمانسارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. ئاپتونوم رايون رەھبەر
  

   ئىمىنجان داۋۇت خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 31 – ئاۋغۇست كەچ 19 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئېچىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچى ‹‹يەر شارى›› مېھمانسارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن ئەركىن ئىمىرباقى ۋە ئەسقەت كەرىمبايلار زىياپەتكە قاتناشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە رەھبەرلىك قىلىش تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ ۋېي تەبرىك سۆزى قىلماقتا

   ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە رەھبەرلىك قىلىش تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى خۇ ۋېي زىياپەتتە تەبرىك سۆزى قىلىپ، مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى كاتتا ئىقتىساد – سودا يىغىلىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن 18 نۆۋەت غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى غايەت زور پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ كەلدى. كېلەر يىلىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ‹‹جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى›› گە ئۆزگىرىپ، دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆسىدۇ ھەم ئېلىمىز ئىچى – سىرتىدىكى رايونلار ئارا ھەمكارلىقلارنىڭ تېخىمۇ كەڭرى سەھنىسىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا، بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭمۇ ھەرقايسى تەرەپلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدىكى چەت ئەللىك سودىگەرلەر

كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدە مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات–سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلدى.

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!