ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكىلىقلار ئوبامانىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىنى تەنقىدلىدى

2010-يىلى08-ئاينىڭ31-كۈنىمەنبە:ئۇچۇرتورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
30-ئاۋغۇست، ئامېرىكىدىكى بىر ئاخبارات ۋاستىسى ئوباما بىر ئائىلىلىكنىڭ ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان توختىماستىن يىغىلىش ئويۇشتۇرۇش، ساياھەتكە چىقىش ھەم قىممەت باھالىق ئېسىل لاھىيەلەنگەن كىيىملەرنى سېتىۋىلىش قاتارلىق باياشات تۇرمۇشىنى تەنقىتلىگەن. بۇي
  




30-ئاۋغۇست، ئامېرىكىدىكى بىر ئاخبارات ۋاستىسى ئوباما بىر ئائىلىلىكنىڭ ئوباما ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان توختىماستىن يىغىلىش ئويۇشتۇرۇش، ساياھەتكە چىقىش ھەم قىممەت باھالىق ئېسىل لاھىيەلەنگەن كىيىملەرنى سېتىۋىلىش قاتارلىق باياشات تۇرمۇشىنى تەنقىتلىگەن. بۇيىل ئوبامانىڭ ئايالى مىچېل خانىمنىڭ دەم ئېلىشى 8 قېتىمغا يەتكەن. مۇشۇ يېقىندىكى بىر قېتىملىقىدا كۈنىگە 80 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلىگەن.



 
ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىقلاشنى خالىمىغان بىر سىياسون ئوبامانىڭ ھەشەمەتلىك تۇرمۇشىنى تەنقىتلەپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا خەلقى تۇرمۇشىنى ناھايىتى تەسلىكتە ئۆتكۈزىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوباما بىر ئائىلىلىك پۇلنى خۇددى سۇدەك خەجلىگىنى ياخشى بولمىدى. بىز سايلاپ چىققان «پۇقراۋى زۇڭتۇڭ» ئەمدىلىكتە پادىشاھلاردەك باياشات تۇرمۇشقا، ئايالى مېچىلنىڭ «يۇقىرى ئېقىمدىكى ھەشەمەتلىك خاراكتىرى» نى قاندۇرۇش بىلەن بولۇپ كېتىپ، خەلقتىن تبارغانسېرى يىراقلاپ كەتتى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!