ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكىنىڭ ‹‹ 11–سېنتەبىر›› ۋەقەسىگە بولغان ئىنكاسى ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى

2010-يىلى09-ئاينىڭ13-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئالىمجان چېكىلىشى:قىتىم
   2001–يىلى ‹‹ 11–سېنتەبىر›› تېررورلۇق ھۇجۇمى ئامېرىكىنى تەمتىرىتىپ قويدى . ‹‹ 11–سېنتەبىر›› ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى 14–سېنتەبىر ئالاھىدە ماقالە ئېلان قىلىپ ، ئامېرىكىنىڭ تېررىتورىيە بىخەتەرلىكى ، دىپلوماتىيە سىياسىتى قاتارلىق
  

   2001–يىلى ‹‹ 11–سېنتەبىر›› تېررورلۇق ھۇجۇمى ئامېرىكىنى تەمتىرىتىپ قويدى . ‹‹ 11–سېنتەبىر›› ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ، دەۋر ھەپتىلىك ژۇرنىلى 14–سېنتەبىر ئالاھىدە ماقالە ئېلان قىلىپ ، ئامېرىكىنىڭ تېررىتورىيە بىخەتەرلىكى ، دىپلوماتىيە سىياسىتى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردىكى سىياسەتلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە ۋە تەكشۈرۈش قىلدى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى توغرىسىدا ئالدىن ھۆكۈم چىقاردى . ۋاھالەنكى ، دەل ‹‹ 11–سېنتەبىر›› ۋەقەسى ئامېرىكىنىڭ ئىراققا بولغان پىكىر يولىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋەتتى . (2001–يىل 14–سېنتەبىردىكى ژۇرنىلى)

    شىنخۇا تورى بېيجىڭ 7–سېنتەبىر خەۋىرى ، ئامېرىكا ‹‹ ئاخبارات ھەپتىلىك ژۇرنىلى›› تور بېكىتىنىڭ 4–سېنتەبىردىكى ماقالىسى ، تېمىسى : ئامېرىكا يوقىتىپ قويغان قوشۇمچە ماۋزۇ : ‹‹ روشەنكى ، بىزنىڭ ‹‹ 11–سېنتەبىر›› ۋەقەسىگە بولغان ئىنكاسىمىز ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى ›› . (ئاپتورى فاردزاكارىئا)

    ‹‹11–سېنتەبىر›› ۋەقەسى يۈز بېرىپ 9 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ، بەزى كىشلەر ‹‹ بازا›› تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك قاتتىق تەھدىت ئەمەسلىكىدىن گۇمان قىلغانمۇ -يوق؟ 2001–يىلدىكى ئۇ قورقۇنۇچلۇق كۈنلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئەستايىدىل تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى ، بىن لادىننىڭ تېررورلۇق تورى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ يۇقىرى قىممەتلىك نىشانىغا ئەمدى قاتتىق ھۇجۇم قىلالمايدۇ . ‹‹ بازا›› تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ ئۈمىدى ئالاقە تورى ئارقىلىق بىر رادىكال چاتاقچى ياشنى تېپىپ ، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئىشتىنىنىڭ ئىچىگە پارتلىتىش دورىسنى تىقىۋېلىشنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت .

    مەن ‹‹ بازا ›› تەشكىلاتنىڭ غەرىزىنى تۆۋەن مۆلچەرلەۋاتقىنىم يوق ، مەن بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىقتىدارىدىن گۇمان قىلىۋاتىمەن، يېقىنقى يىللاردىكى ھەر قېتىملىق توقۇنۇشتا ، ئامېرىكا رەقىبلىرىنىڭ يامان غەرىزىنى ھامان ئېنىقلاپ كەلگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى زور دەرىجىدە مۇبالىغىلەشتۇرۈۋەتتى ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80–يىللىرى ، بىز سوۋېت ئىتتىپاقى ئەمەلىي كۈچ بىلەن تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىۋاتىدۇ دەپ قارىغان ئىدۇق ، لېكىن ئۇ چاغدا ، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئىقتىسادى ۋە سىياسەتنىڭ بەربات بولۇش گىردابىدا تۇرۇۋاتقان ئىدى ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90–يىللىرى ، بىز سادام ھۈسەيىن يادرو قوراللىرىغا ئىگە دەپ جەزىملەشتۈرگەن ئىدۇق ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ، ئۇنىڭ زاۋۇتلىرى ئاران سوپۇن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغىلا ئىگە بولۇشى مۇمكىن.

    بۇ قېتىمقى خاتالىق تېخىمۇ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ قەلبى ۋە ئامېرىكىنىڭ سىستېمىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، ‹‹ 11–سېنتەبىر›› ۋەقەسى بىر قېتىملىق توقۇنۇشتىن ئىبارەت ، شۇڭا ، بىزنىڭ ئىنكاسىمىز ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى ، ‹‹ ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى›› ، ‹‹ قەتئىي مەخپىي ئامېرىكا›› دېگەن نامدىكى بىر ئىنتايىن مۇھىم خەۋەر تۈرىنى تۇرغۇزدى ، دانا پىسېت بىلەن ۋىليام ئاكىن ئىككى يىل ئۇچۇر توپلاپ ، ئۇ ئارقىلىق ، ‹‹11–سېنتەبىر›› ۋەقەسىنىڭ ئامېرىكىنى قانداق قىلىپ ھەقىقى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

    تۆۋەندە بەزى مۇھىم ئۆزگىرىشلەرنى ئېلان قىلدۇق : 2001–يىلى 11–سېنتەبىردىن بۇيان ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئاز دېگەندە 263 تەشكىلاتنى قۇرۇپ ياكى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ ، تېررورلۇققا تاقابىل تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىگە مەسئۇل قىلدى ، ئاخبارات خىراجىتى %25 ئېشىپ ، 75مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى ( لېكىن ، بۇ پەقەت ئاشكارا سان ، روشەنكى ، تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن ) . يالغۇز ئاخبارات ئاپپاراتلىرىلا 33 جايدا يېڭىدىن چوڭ تىپتىكى قورۇلۇش سالدى ، بۇنىڭ ئىگىلىگەن يېرى 17مىليون ئىنگلىزچىسى بولۇپ ، ئامېرىكىنىڭ 22 پارلامېنت بىناسى ياكى ئۈچ بەشبۇرچەكلىك بىناسىغا باراۋەر كېلىدۇ.

   بۇ يېڭى سىستېما ھەر يىلى 50مىڭ دوكلات ئېلان قىلىدۇ ، بۇ ، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 136دىن توغرا كېلىدۇ! ئەلۋەتتە ، بۇ تېخىمۇ نۇرغۇن دوكلاتلارنى كىشىلەرنىڭ كۆرۈپ باقمىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ، دوكلاتلىرىنى كۆرگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار كۆپ قىسىم دوكلاتلارنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ ئىكەن دەيدۇ.

    ئامېرىكىدا ھازىر تەخمىنەن 30مىڭ يوشۇرۇن ئاڭلىغۇچى خادىم بار، ئۇلارنىڭ خىزمىتى تېلېفون ۋە باشقا ئالاقىلىشىش قوراللىرىنى يوشۇرۇن ئاڭلاش بىلەنلا چەكلىنىدۇ ، ھالبۇكى ، نىگېرىيەنىڭ ‹‹روژدېستۋو بايرىمىدا ئايروپىلان پارتلاتقۇچى›› نىڭ دادىسىنىڭ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئوغلىنىڭ رادىكال ئىدىيەسىنى دوكلات قىلغانلىقىغا قورۇقلۇق ئارمىيە تارمىقىدا بىرمۇ ئادەم دىققەت قىلمىغان . بۇ خىل خاتالىقنى بەلكىم ئەپۇ قىلغىلى بولار ، ۋاھالەنكى ، دۆلەت بىخەتەرلىك ھالىتى دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشى ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىۋەتتى ، بۈگۈنكى كۈندە ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ھەممە تەرىپىگە تاقىلىدىغان بولدى ، ھەتتا تېررورىزم بىلەن قارىماققا مۇناسىۋىتى يوقتەك قىلىدىغان تەرەپلىرىمۇ خالى بولالمىدى.

    كونسېرۋاتىپلار دۆلەت ھوقۇقىنىڭ ئۆزلۈكسىز كېڭىيىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا ، بۇ خىل ھوقۇقنى تارتىۋېلىش دەرۋەقە ئازغىنە بىر نەچچە ئىشتاتنىڭ ئىقتىسادىي رىغبەتلەندۈرۈش پىلانىغا قارىغاندا كىشىلەرنى تېخىمۇ خاتىرجەمسىزلەندۈرىدۇ . ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى جامىس مادىسون بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ : ‹‹ ھەرقانداق بىر دۆلەت ئۇرۇش جەتيانىدا تىنچلىقنى ساقلىيالمايدۇ ›› دېگەن ئاددىي يەكۈننى چىقارغان.

( مۇھەررىر : قەيسەر)
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!