قەشقەر شەھىرى ( 5–سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن تارتىلغان سۈرەت )
6–سېنتەبىر ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاقسۇ شەھىرى ، كۇچا ناھىيەسى ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا كۆرۈلگەن توپا–توزانلىق ھاۋا رايى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلدى .
5–سېنتەبىر ، ئاقسۇ ، كۇچا ، قەشقەردە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە چاڭ–توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلۈپ ، كۆرۈش ئارىلىقى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈش ۋە قونۇش ئۆلچىمىگە يەتمىگەنلىكتىن ، شۇ كۈنى ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا بارىدىغان توققۇز نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ھەممىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۇچانىڭ ئىككى نۆۋەتچى ئايروپىلانى ۋە قەشقەرگە بېرىپ كېلىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان .
مۇخبىرنىڭ ئايرودرومدىن ئىگىلىشىچە ، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار 6–سېنتەبىر سەھەردىن باشلاپ پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ ، ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىپ ، يولۇچىلارنى نىشانىغا بىخەتەر يەتكۈزگەن .
بۇنىڭدىن باشقا ، 4–سېنتەبىر قومۇل ۋىلايىتىنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا قاتتىق قار ياغقان بولسىمۇ ، قومۇل ئايرودرومىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ نورمال قاتنىشىغا تەسىر يەتمىگەن .