5-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبىي خۇبېي يولى دوستلۇق گۈللۈكىدىكى بىر قورۇدا 3 ياشلىق ئوغۇل بالا 6-قەۋەتتىكى ئۆينىڭ دېرىزىسىدىن چۈشۈپ كېتىپ ھېچنىمە بولمىغاننىڭ ئۈستىگە يەنە ئۆزى ئورنىدىن تۇرۇپ ئاپىسىنى ئىزدەپ يۈگۈرۈپ كەتكەن .
قوشنىلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇ بالىنى ئاپىسى ئۆيگە سولاپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولۇپ ، ئاپىسىنى ئىزدەپ بالكوننىڭ دېرىزىسىگە يامىشىپ چىققان بالا ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشكەن ھەمدە يەنە تۇرۇپلا يىغلىغىنىچە ئاپىسىنى ئىزدەپ قالايمىقان يۈگۈرۈپ يۈرگەن . مەھەللىدىكىلەر ۋەقەنى كۆرگەندىن كېيىن بالىنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان ۋە ئانىسىغا خەۋەر قىلغان .