
16–سېنتەبىر ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ چاڭشېڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان خۇانىڭ خەلقئارا ئېلېكتىر كۈچى پاي چەكلىك شىركىتى چاڭشېڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ھۆكۈمەتنىڭ ئېنېرگىيە تېجەپ ، بۇلغىمىلارنى ئازايتىش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 90 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىككى چوڭ تىپتىكى سوۋۇتۇش مۇنارىنى نىشانلىق پارتلىتىپ بۇزدى . بۇ جېجياڭ ئۆلكىسى تەۋەسىدىكى پارتلىتىپ بۇزۇلغان ئەڭ ئېگىز سوۋۇتۇش مۇنارى ھېسابلىنىدۇ . ئېنېرگىيە تېجەپ ، بۇلغىمىلارنى ئازايتىش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن ، خۇانىڭ چاڭشېڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئاۋغۇستتا 125 مېگاۋات دەرىجىلىك ئىككى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى توختىتىپ قويدى ، بۇ ئىككى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى 18 يىل ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، ئايلىنىش مۇددىتى ئۇزۇن ، ئۈنۈمى تۆۋەن ، سەرپىياتى يۇقىرى بولغاچقا ، ئالاقىدار ئېنېرگىيە تېجەپ ، بۇلغىمىلارنى ئازايتىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەي قالغان . ئىككى سوۋۇتۇش مۇنارىنى پارتلىتىش كونا گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى توختىتىش خىزمەت بۆلىكىگە تەۋە بولۇپ ، كونا گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئەسلىگە كەلمەس خاراكتېرلىك ئەبەدىي توختىتىلغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ . بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى كېيىن 600 مېگاۋات دەرىجىلىك ئىككى كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىدىغان يۇقىرى ئۈنۈملۈك گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى تۈر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . كونا گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى توختىتىلغاندىن كېيىن ، ھەر يىلى ئۆلچەملىك كۆمۈردىن 500 نەچچە مىڭ توننا تېجەپ قېلىنىپ ، گۈڭگۈرت تۆت ئوكسىدنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى 1000 توننىدىن ئارتۇق ئازايتىدۇ ، چاڭ–توزاننىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى 300 توننا ئەتراپىدا كېمەيتىدۇ.


