
شىنخۇا تورى بېيجىڭ 15–سېنتەبىر تېلېگراممىسى : ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى جيا چىڭلىن 15–سېنتەبىر مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېت ، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن ئۇلارنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
جيا چىڭلىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىكىنى تەشكىللەش ، مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئېسىل ئەنئەنىسى ، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر . كۆپچىلىكنىڭ بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى قەدىرلەپ ، كۆپ مېڭىپ ، كۆپ كۆرۈپ ، كۆپ ئاڭلاپ ، كۆپ ئۆگىنىپ تەرەققىي تاپقان رايونلارنىڭ ياخشى ئۇسۇللىرىنى ، ياخشى تەجرىبىلىرىنى ئىگىلەپ ، ئۆز جايلىرىڭلارغا ئېلىپ بېرىپ ، بۇنى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تەدبىقلاپ ، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .