ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

خۇ جىنتاۋ بىرما دۆلەتلىك تېنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ رەئىسى دەنرۈي بىلەن سۆھبەتلەشتى

2010-يىلى09-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
    شىنخۇا تورى بېيجىڭ 8 ــ سېنتەبىر تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 8–سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا بىرما دۆلەتلىك تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ رەئىسى دەنرۈي بىلەن سۆھبەتلەشتى . ئىككى تەرەپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدى
  

    شىنخۇا تورى بېيجىڭ 8 ــ سېنتەبىر تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ 8–سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا بىرما دۆلەتلىك تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ رەئىسى دەنرۈي بىلەن سۆھبەتلەشتى . ئىككى تەرەپ ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ۋە ئورتاق تونۇشقا كېلىشتى .

    خۇ جىنتاۋ مۇنداق دېدى : جۇڭگو بىلەن بىرما ئۆز ئارا قوشىنا دۆلەتلەر بولۇپ ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئەزەلدىن قويۇق ئالاقە باغلاپ ، چوڭقۇر دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈردى . دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 60 يىلدىن بۇيان ، ئىككى دۆلەتنىڭ نەچچە ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ تەربىيەلىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى نەتىجىسىدە ، جۇڭگو–بىرما مۇناسىۋىتى خەلقئارادىكى بوران–چاپقۇن ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ ، ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ ۋە تەرەققىي قىلىپ ، ئاللىقاچان ئوخشاشمىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى . جۇڭگو تەرەپ بىرما بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ، جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ ئىناق قوشىندارچىلىق ھەمكارلىقى بولسا بىزنىڭ قەتئىي ئۆزگەرمەس سىياسىتىمىز ھېسابلىنىدۇ ، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر بىزنىڭ بۇ سىياسىتىمىز ئۆزگەرمەيدۇ .

    دەنرۈي مۇنداق دېدى : بىرما بىلەن جۇڭگونىڭ تاغ ــ دەريالىرى تۇتاش ، ئىككى دۆلەت خەلقى ئەزەلدىن ئىناق ئۆتۈپ ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى . دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 60 يىلدىن بۇيان ، ئىككى دۆلەت ئۆز ئارا چۈشىنىشىپ ، ئۆز ئارا قوللاپ ، باراۋەر بولۇپ ، بىر ــ بىرىنى ھۆرمەتلىشىپ ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ ، دوستلۇق ۋە ئۆز ئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى . ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ ئالاقىسى قويۇقلىشىپ ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى دوستلۇق ، مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ھەمكارلىق ئىشلىرى ئىلگىرى سۈرۈلدى . دەنرۈي مۇنۇلارنى بىلدۈردى ، جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇشى ، كېلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مەسلىلەردىكى مەيدانى ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى . دەنرۈي يەنە تەكىتلەپ بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .  

( مۇھەررىر : نىجات )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر