ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

بېيجىڭدا ئالدىنقى يېرىم يىلدىلا 345 مىڭ ئاپتوموبىل كۆپەيدى

2010-يىلى07-ئاينىڭ22-كۈنىمەنبە:شىنخۇا تورى تەھرىر: ئادىل چېكىلىشى:قىتىم
بېيجىڭ شەھەرلىك قاتناش كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە بېيجىڭ شەھىرىدە ئالدىنقى يېرىم يىل ئىچىدىلا 345 مىڭ ئاپتوموبىل كۆپىيىپ , كۆپىيىش مىقدارى شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ پۈتۈن يىللىق ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ئومۇمىي سانىدىن ئې
  

بېيجىڭ شەھەرلىك قاتناش كومىتېتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە بېيجىڭ شەھىرىدە ئالدىنقى يېرىم يىل ئىچىدىلا 345 مىڭ ئاپتوموبىل كۆپىيىپ , كۆپىيىش مىقدارى شىجياجۇاڭ شەھىرىنىڭ پۈتۈن يىللىق ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى ئومۇمىي سانىدىن ئېشىپ كەتكەن . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە پايتەختتىكى ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ئىشلىتىلىش نىسبىتى مۇقىم سۈرئەتتە ئېشىپ , ئېشىش نىسبىتى %39.3 كە يەتكەن .

نۆۋەتتە بېيجىڭ شەھىرىدە ئېيىغا 57500 يېڭى ئاپتوموبىل كۆپىيىدىغان بولۇپ , قاتناش قىستاڭچىلىقى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن . بولۇپمۇ ماشىنا توختىتىش ئورۇنلىرىنىڭ قىسلىقى نۆۋەتتىكى ئەڭ ئېغىر مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ , بىر قىسىم مۇتەخەسىسلەر ئاپتوموبىلارنىڭ سېتىلىش مىقدارىغا بەلگىلىك دەرىجىدە چەك قويۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىدى .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر