ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>ئاجايىباتلار>

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن ئامبىرى

2010-يىلى09-ئاينىڭ17-كۈنىمەنبە:ئۇچۇرتورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
دۇنيادىكى ئوغىرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى ئەڭ مۇكەممەل جاي قايسى دەپ سورىسىڭىز؟ جاۋابى: نىيۇيورك پۇل مۇئامىلە رايۇنىغا جايلاشقان ئامېرىكا فىدراتسىيە ساقلاش بانكىسىنىڭ يەر ئاستىدىكى ئالتۇن ئامبىرى. بۇ ئالتۇن ئامبىرى ئەركىنلىك كوچىسىنىڭ 180 مىتىر ئاستىغا ياسال
  



دۇنيادىكى ئوغىرىدىن ساقلىنىش ئىقتىدارى ئەڭ مۇكەممەل جاي قايسى دەپ سورىسىڭىز؟ جاۋابى: نىيۇيورك پۇل مۇئامىلە رايۇنىغا جايلاشقان ئامېرىكا فىدراتسىيە ساقلاش بانكىسىنىڭ يەر ئاستىدىكى ئالتۇن ئامبىرى. بۇ ئالتۇن ئامبىرى ئەركىنلىك كوچىسىنىڭ 180 مىتىر ئاستىغا ياسالغان، ئۇ يەردە 9000كىلوگىرامدىن كۆپرەك ئالتۇن، سان-ساناقسىز ئالتۇن تاياقچىلار بار.
دۇنيادىكى 60 نەچچە دۆلەت ۋە نۇرغۇن چوڭ بايلار مال مۆلۈكلىرىنى مۇشۇ يەرگە ساقلىتىدۇ، ئۇنىڭ سەۋەبى بىرلا، ئۇ بولسىمۇ: بۇ يەر مۇتلەق بىخەتەر. بۇ يەر ئىش باشلىغاندىن بۇيان تېخى بىرەر يوچۇق بايقىلىپ باقمىغان، يوقىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىخەتەرلىك سېستىمىسى 15 سىكونت ئىچىدە ئامبارنى سۇمۇ كىرمەيدىغان قىلىۋېتىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ ئالەمدە يوق ماھارىتىڭىز بولۇپ، بۇ يەرگە كىرسىڭىزمۇ، لىكىن ھەرگىز چىقىپ كېتەلمەيسىز!
 



ئالاھىدە ياسالغان مەخسۇس لېفىتقا ئولتۇرۇپ، 5 سىكونت ئىچىدىلا ئامبار ئىشىك ئالدىغا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ ئالدىڭىزدا بار بولغىنى ئىنتايىن مۇستەھكەم ئوق ئۆتمەس ئىشىك. بۇ ئىشىك ۋە ئىشىك رامكىسى قوشۇلۇپ 280 توننا كېلىدۇ، شۇڭا سىزنىڭ ئۇنى ھەر قانداق بىر نەرسە بىلەن ئېچىشنى ئويلىشىڭىز پۈتۈنلەي ئاخمىقانىلىق ھېسابلىنىدۇ.
ئالتۇن ئامبىرى ئادەتتە سىرتتىن كەلگەن ھەر قانداق ئادەمنى قوبول قىلمايدۇ، پەقەت ئۇ ھوقوقلۇق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى، ب د ت نىڭ باش كاتىپى ياكى مۇشۇ يەردە نۇرغۇن شەخسى مال مۆلىكىنى ساقلىتىۋاتقان كىشىنىڭ ئۆزى بولمىسىلا. بۇ يەرگە كىرىش ئىجازىتىگە ئېرىشكەن ھەر قانداق بىر كىشى ئاۋال مەخسۇس « مىتالسىزلاندۇرۇش » تەكشۈرۈشىدىن، ئاندىن « شامالدىتىش ماشىنىسى » ئارقىلىق تازىلاشتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، مىتال بويۇملارنى ئېلىپ كىرىشنى ئويلىمايلا قويۇڭ، ھەتتا كىيىم -كېچەكلەردىكى بىر زەررىچە خەتەرلىك چاڭ-توزانمۇ قالمايدۇ.
ئىشىك ئېچىلغاندىن كىيىن سىز بىر ئۇزۇن كارىدوردىن ئۆتىسىز، بۇ يەردە ھەر بىر مىتىردا بىردىن سىرتقى شەكلى ئوپمۇ-ئوخشاش ئاچا يول بار ، ھەر قانداق بىر يولدىن خاتا مېڭىپ قالسىڭىز ئالتۇن ئامبىرىغا بارالمايسىز.

 



ئەگەر سىز يوقۇرىقى ئۆتكەللەردىن ئۆتسىڭىز، ئالدىڭىزدا ساپ ئالتۇندىن ياسالغان بىر تام كۆرۈنىدۇ، لىكىن بۇ ئالتۇنلارنىڭ ھەممىسى ئەمەس، سىز مۇشۇ تامدىن ئۆتكەندىن كىيىن يېرىم پۇتبول مەيدانىچىلىك كېلىدىغان ئالتۇن ئامبىرىنى كۆرىسىز. بۇ يەردە 8500 دانە، ھەر بىرىنىڭ قېلىنلىقى ئوخشاش 18 ئىنگىلىز چى كېلىدىغان كېسەك ئالتۇنلارنى كۆرىسىز. يەنە 122 دانە بۆلەك بار بولۇپ، ھەر بىرىگە كېسەك ئالتۇن توشقۇزۇلغان، بۇ كېسەك ئالتۇنلارنىڭ ھەر بىرى 110مىڭدىن 125 مىڭ دوللارغىچە يارايدۇ. 

 



 

 

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!