
يېقىندا سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى ئىپتىدائىي ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدىن بىر غەلىتە ھايۋان بايقالغان . بۇ ھايۋان قارىماققا ئېيىققا ئوخشىشىپ كەتسىمۇ لېكىن بەدىنىدە ئازراقمۇ تۈك يوق بولۇپ ، تېخى كېنگۇروغا ئوخشاش توم ھەم ئۇزۇن قۇيرۇقى بار ئىكەن . شۇ يەرلىك كىشىلەر بۇ مەخلۇقنىڭ ئۆز ئۇرۇق-توپىنىڭ ئاخىرقى ئەزاسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ، ئۇندىن باشقا يەنە يەرلىك قەبىلىلەردە <ئادەمنىڭ ئېيىققا ئايلىنىپ قېلىشى> دەك ئەپسانە-رىۋايەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئاشكارىلىدى . ھايۋاناتشۇناسلار بولسا پەقەت DNA ئانالىزى ئارقىلىقلا بۇ مەخلۇقنىڭ نېمىلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ ، دەپ قارىدى . ئەگەر DNA ئامبىرىدا بۇ مەخلۇق توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر بولمىسا ، ئۇنداقتا ئۇ يېڭىدىن بايقالغان جانلىق ياكى رىۋايەتلەردىكى <غەلىتە مەخلۇق> بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن .