
15-ئىيۇن خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى (FIFA) بايانات ئېلان قىلىپ ، دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە يۈز بەرگەن <قۇرۇق ئورۇن> مەسىلىسىگە قارىتا ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى . جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسى تەييارلىق كومىتېتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، ھازىرغىچە ئاياغلاشقان بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىدە بېلەت تولۇق سېتىلىپ بولغان بولسىمۇ لېكىن مەيدان توشماي كۆپ مىقداردا بىكار ئورۇن كۆرۈلۈش ، مەيدان سىرتىدا بولسا بېلەت ئالالمىغان توپ مەستانىلىرى مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپتىن نارازى بولۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەن .

FIFA بۇ ئەھۋالغا قارىتا بېلەت ھايانكەشلىكىگە قاتتىق زەربە بېرىپ ، يەرلىك ساقچى تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ مۇسابىقە بېلىتىنى ئاغدۇرۇپ سېتىش ، ساختا ياساش ۋە مونوپول قىلىۋېلىش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرىدىغانلىقى ۋە كېيىنكى مۇسابىقىلەرنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
![图文-[小组赛]意大利1-1巴拉圭身在罗马心在南非](../../../../uploads/allimg/100616/020334G57-3.jpg)
![图文-[小组赛]意大利VS巴拉圭球场内景不错](../../../../uploads/allimg/100616/020334HA-4.jpg)

![图文-[小组赛]意大利1-1巴拉圭球迷如此热情](../../../../uploads/allimg/100616/0203343314-6.jpg)























