
سىنا تورى خەۋىرى , مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى . بۇ قېتىم دۆلەت كوماندىسىغا يېڭىدىن تۆت نەپەر ياش ماھىر قوبۇل قىلىنغان بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭلىق ئۇيغۇر ماھىر مىرئەخمەتجان مۇزەپپەرمۇ بار .
مىرئەخمەتجان 1991- يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ ، 13 يېشىدىلا شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىگە تاللانغان . ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەتلىك 17 ياشلىقلار ۋە 19 ياشلىقلار پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ جۇڭگوغا ۋەكالىتەن بىر تۈركۈم خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتناشقان . بۇ قېتىم ئۇ شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسى ۋە دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسىدىكى كۆرۈنەرلىك ئىپادىسىگە تايىنىپ تۇنجى قېتىم دۆلەتلىك چوڭلار پۇتبول كوماندىسىغا تاللاندى .
مىرئەخمەتجان مۇزەپپەر ؛ تۇغۇلغان ۋاقتى 1991-يىل 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ؛ بوي ئېگىزلىكى 1.78 مېتر ؛ ئېغىرلىقى 65 كىلوگرام ؛ مەيداندىكى ئورنى مۇداپىئەچى ئوتتۇرا مەيدان ، نومۇرى 4- نومۇر .