شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ بەيدېن ۋە سابىق زۇڭتۇڭ كلىنتون ئاق سارايدا پات ئارىدا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان ئامېرىكا دۆلەت پۇتبول كوماندىسى ئەزالىرىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارغا ئۇتۇق تىلىدى . پۇتبول ھەرىكىتىنىڭ تەسىر كۈچى ھەتتا زەيتۇن توپ ، كالتەك توپ ۋە ۋاسكېتبولدىنمۇ كېيىن تۇرىدىغان بۇ دۆلەتتە ئۈچ نەپەر زۇڭتۇڭنىڭ پۇتبول كوماندىسىنى قوبۇل قىلىشى تېخى تارىختىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
ئۈچ نەپەر زۇڭتۇڭ كوماندا ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى
باش تېرىنېر بىراد (ئوڭدىن ئىككىنچىسى) نىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت تولىمۇ ئېغىر !