ئامېرىكا ھاۋارايى ئىدارىسى ۋە ئوھايو شىتاتلىق جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، شۇ يەر ۋاقتى 5-ئىيۇن كېچىدىن 6-ئىيۇن سەھەرگىچە ئوھايو شىتاتى تەۋەسىدە ئاز دېگەندە يەتتە قېتىم كۈچلۈك قارا قۇيۇن چىقىپ ، ھازىرغىچە جەمئىي 7 ئادەم قازا قىلغانلىقى ئېنىقلانغان . كۈچلۈك قۇيۇن نۇرغۇن ئۆي-ئىمارەتلەرنى ئۆرۈپ ياكى ئۆگزىسىنى ئېچىۋەتكەن ، دەرەخلەرنى قومۇرۇپ ئۇچۇرتۇپ كەتكەن ۋە قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان .
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!