
جۇڭگو-ئامېرىكا بىرلىشىپ سۈرەتكە ئالغان ھوللىۋودنىڭ ھەرىكەت فىلىمى <گۇمپا چۈشى> (The Karate Kid) شۇ يەر ۋاقتى 7-ئىيۇن لوس-ئانژېلىستا تۇنجى قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . فىلىمدە خەلقئارالىق كىنو چولپىنى چېڭ لۇڭ باش رول ئالغان بولۇپ ، ھوللىۋودنىڭ داڭلىق كىنو چولپىنى ۋىل سىمىت باش نازارەتچىلىكنى ئۈستىگە ئالغان . ۋىل سىمىتنىڭ ئوغلى گاردىن سىمىت ، يەنە بىر جۇڭگولۇق ئارتىس يۈروڭگۇاڭ قاتارلىقلار ئاساسلىق روللارغا چىققان . مەزكۇر فىلىم 11-چېسلادىن باشلاپ شىمالىي ئامېرىكىدا رەسمىي قويۇلۇشقا باشلايدۇ ھەمدە 22-ئىيۇن جۇڭگو كىنو بازىرىغا كىرىدۇ .




خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!