ئەنگىلىيەلىك ئەر خوتۇن 100 مىتىر چوڭقۇرلىقتىكى جىلغىغا چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ پەقەت ئازراقلا يارىلاندى.

58 ياشقا كىرگەن بىل بىلەن ئۇنىڭ ئايالى دودى ئۆزىنىڭ BMW(باۋما) ماشىنىسى ھەيدەپ Wales ئەتىراپىدىكى دىڭىز قىرغىقى رايونىدا كىتىپ بارغاندا يەنە بىر ماشىنا بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن. قوغداش رىشاتكىسى سوقۇۋىتىپ بۇزۇلغاندىن كىيىن ماشىنا دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان جىلغىغا سىيىرىلىپ كەتكەن. ماشىنا ئاۋال بوشلۇقتا ئىختىيارى پائالىيەت قىلغان.ئاندىن بىر چوڭ دەرەخكە سوقۇلۇپ ئاخىرىدا جىلغا ئاستىدىكى بىر پاتقاقلىققا چۈشۈپ كەتكەن. تەلىيگە يارىشا ئۇلار مۆجىزىلەرچە ھايات قالغان.
بىل بىر گۈزەللىك تەنھەرىكەتچىسى. ئۇنىڭ ئوقۇرەك سۆڭىكى سۇنغان بولسىمۇ، يەنىلا بەرداشلىق بىرىپ ئايالى ۋە بالىلىرىنى تارتىپ چىققان.
دودى مۇنداق دەيدۇ؛ "بىز چوقۇم دۇنيادىكى ئەڭ تەلەيلىك ئادەملەر، ئۇ ۋاقىتتا مەن خۇدۇمنى يوقاتقان، پەقەت ماشىنىنىڭ سوقۇلغان ۋە ئۆرۈلگەنلىكىنىلا بىلىمەن"
قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۇلارنىڭ ھايات قالغانلىقىغا ئىشەنمەيلا قالدى. ئۇلار چۈشكەن ئورۇن پاتقاق بولۇپ ئىككى مىتىر نىرىسىدىلا تاشلىق ئىدى. ئۇلار ئۇ يەرگە چۈشكەن بولسا چوقۇم ئۆلۈپ كىتەتتى. بۇ بىر ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان مۆجىزە.

