ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىران ئامېرىكىنىڭ قورال كۈچى ئېغۋاگەرچىلىكىگە قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2010-يىلى08-ئاينىڭ03-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: ئەخمەتجان ئۇبۇل چېكىلىشى:قىتىم
ئىران ئامېرىكىنىڭ قورال كۈچى ئېغۋاگەرچىلىكىگە قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچى قىسمىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن قوماندانى يادۇلا ھاۋانى ( ماتېرىيال سۈرەت ) شىنخۇا تورى ، تېھران 2ئاۋغۇست تېلېگراممىس
  

ئىران ئامېرىكىنىڭ قورال كۈچى ئېغۋاگەرچىلىكىگە قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

 
ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچى قىسمىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن قوماندانى يادۇلا ھاۋانى ( ماتېرىيال سۈرەت )

    شىنخۇا تورى ، تېھران 2–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : ئىران ئىسلام ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچى قىسمىنىڭ سىياسىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن قوماندانى يادۇلا ھاۋانى 2–ئاۋغۇست ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، ئىران قوراللىق قىسمىنىڭ ئامېرىكا ياكى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قوزغاش پىلانىغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقى كۆرۈپ قويغانلىقىنى ئېيتقان .

    ھاۋانى ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسى مارۇن 1–ئاۋغۇست ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ  ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنىڭ ھەقىقەتەن بارلىقىنى ئېيتقاندىن كېيىن بۇ سۆزنى قىلغان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىمۇ ئىرانغا بۇنىڭغا ئوخشاش تەھدىتلەرنى سالغانلىقىنى ، بىراق بۇ ئامېرىكىنىڭ يادرو مەسىلىلىرىدىكى ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىشى ۋە ئەخمەق قىلىپ ، ھىيلە–نەيرەڭ ئوينىتىشىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن .

    ھاۋانى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى ، ئامېرىكىلىقلار سادىر قىلغان ھەر بىر خاتالىق پۈتۈن پېرسىيە قولتۇقىنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ ، ئەگەردە بۇ رايوننىڭ خەۋپسىزلىكى خەتەرلىك ئەھۋالدا قالسا ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەنپەئىتىمۇ زىيانغا ئۇچرايدۇ شۇنداقلا ئىران تەرەپ قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىدۇ .

 
ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىشتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ رەئىسى مارۇن ( ماتېرىيال سۈرەت )

    ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ يادرو مۇئەسسەسەلىرىگە قارىتا تاق يۆنىلىشلىك ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشنى بىردەك چەتكە قېقىپ كەلگەن .1–ئاۋغۇست مارۇن ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىيو شىركىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى بارلىقىنى ، بىراق ئۇ ھەربىي ۋاسىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشى دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ، دېپلوماتىيە جەھەتتىكى تىرىشچانلىق ھەمدە خەلقئارا ئىقتىسادىي جازا ، نۆۋەتتە ئىران ھۆكۈمىتىنى بەس ــ مۇنازىرىلىك يادرو پىلانىدىن ۋاز كەچتۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى لايىھەسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن .

 

    ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئاق سارايغا كىرگەندىن بۇيان ، ئامېرىكا تەرەپ باشتىن ــ ئاخىر دېپلوماتىك مۇرەسسە قىلىش ۋە ئىقتىسادىي جازادىن ئىبارەت ‹‹ قوش يۆنىلىشلىك ئىستىراتېگىيە ›› ئارقىلىق ئىران ھۆكۈمىتىنى يادرو پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغان .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!