(ماتېرىيال سۈرەت)
چاۋشىيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، چاۋشىيەن ۋەتەننى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش كومىتېتى 15–سېنتەبىر ، كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹ تيەنئەن›› ناملىق پاراخوت ۋەقەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى قاتتىق ئەيىپلەپ ، بۇ چاۋشيەنگە قارىتىلغان ‹‹چىداپ تۇرغىلى بولمايدىغان ئېغىۋاگەرچىلىك›› ، دېگەن .
بۇ كومىتېت شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بىر ئومۇمىي ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى : كورىيە ھككۈمىتى بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتى ئارقىلىق‹‹ تيەنئەن›› ناملىك پاراخوت ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان دىپلوماتىيە مەغلۇبىيىتى يېپىش ھەمدە دىپلوماتىيە سىياسىي كىرزىستىن قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ ، چاۋشيەن–كورىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى مەقسەت قىلغان .
كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 13–سېنتەبىر ‹‹ تيەنئەن›› ناملىق پاراخوت ۋەقەسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان بولۇپ ، بۇ دوكلاتنىڭ مەزمۇنى ئىلگىرى ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش دوكلاتى بىلەن بىردەك ئىكەن . كورىيە تەھلىلچىلىرى ، دوكلاتتا ، نۇرغۇنلىغان گۇمانىي نۇقتىلارغا قارىتا ‹‹كىشىنى رازى قىلىدىغان›› جاۋاب بېرىلگىنى يوق ، دېيىشكەن .
كورىيەنىڭ ‹‹ تيەنئەن›› ناملىق مۇھاپىزەتچى پاراخوتى بۇ يىل 26–مارت كەچتە كورىيەنىڭ غەربىي دېڭىز تەۋەلىكىدە نۆۋەتچىلىك قىلىۋاتقاندا پارتىلاش يۈز بېرىپ ، دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىپ ، پاراخوتتىكى 104 ئوفىتسېر–ئەسكەردىن 58 ى ھايات قالغان . كورىيە ئارمىيە–خەلق بىرلەشمە تەكشۈرۈش ئۆمىكى 20–ماي ، ‹‹ تيەنئەن›› ناملىق پاراخوت چاۋشيەننىڭ كىچىك تىپلىق سۇ ئاستى كېمىسى قويۇپ بەرگەن تورپېدا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ چۆكۈپ كەتكەنلىك توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى رەسمىي ئېلان قىلغان . چاۋشيەن بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلغان ھەمدە كورىيەگە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىپ ، ماددىي ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلغان ، بىراق بۇ تەلەپ كورىيە تەرەپتىن رەت قىلىنغان .