
يەرشارى تورى خەۋىرى : يېقىندا ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىنى پەيدا قىلغان ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇنماقچى بولدى ھەمدە 17 مىليارد دوللار تۆلەم تۆلەش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە ، ئامېرىكا ‹‹ فېدېراتسىيەنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش قانۇنى›› غا ئاساسەن ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان . مېكسىكا قولتۇقىدىكى ئېقىپ كەتكەن ھەر تۇڭ نېفىتقا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4300 دوللار جەرىمانە قويۇش ئۆلچىمى بويىچە ھېسابلىغاندا ، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى تەخمىنەن 17 مىليارد 600 مىليون دوللار تۆلىشى كېرەك ئىكەن . ئامېرىكىنىڭ ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنى ئەيىبلەشتىكى ئەڭ ئاخىرقى قارارى تېخى چىقمىدى ، لېكىن ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىدىن نېفىت ئېقىپ كېتىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان مۇھىت بۇلغىنىشنىڭ زىيان تۆلىمىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر سوت ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ بۇ قېتىملىق نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىدىكى ‹‹بىخەستىلىك قىلىپ سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈش›› ىنى مۇئەييەنلەشتۈرسە ، ئۇ ھالدا ئەڭ يۇقىرى سوممىلىق جەرىمانىنى تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىدۇ ، ئۇنداق بولمىغاندا ، ھەر تۇڭ نېفىتنى 1100 دوللار بويىچە ھېسابلاپ جەرىمانە تۆلەيدۇ . بۇ يىل ئاپرېلدا نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن بۇيان ، ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى ئالاقىدار تازىلاش خىراجەتلىرىگىلا 8 مىليارد دوللار تۆلەپ بولدى . نۆۋەتتە ، ھادىسىنىڭ ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىگە 30 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق زىيان ئېلىپ كېلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.


