ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئوباما ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ نېفىت ئېقىۋاتقان قۇدۇقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەتكەنلىكىنى ئالقىشلىدى

2010-يىلى08-ئاينىڭ05-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى تەھرىر: قەيسەر چېكىلىشى:قىتىم
   جۇڭگو ئاخبارات تورى ، 5–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى : ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 4–ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئاققان قۇدۇقنى ئېتىش كۈرىشىگە ئاخىرى خاتىمە بېرەي دەپ قالغانلىقى
  

   جۇڭگو ئاخبارات تورى ، 5–ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 4–ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ مېكسىكا قولتۇقىدىكى نېفىت ئاققان قۇدۇقنى ئېتىش كۈرىشىگە ئاخىرى خاتىمە بېرەي دەپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن .

 
ماتېرىيال سۈرەت : ئوباما نېفىت بۇلغىۋەتكەن جايلارنى جەمئىي ئۈچ قېتىم كۆزدىن كەچۈردى

   ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دوكلاتىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە ، ھازىرغىچە ئېقىپ كەتكەن خام نېفىتنىڭ 4\3 قىسمى يىغىۋېلىنغان بولۇپ ، كۆيدۈرۈش، تەبىئىي پارلاندۇرۇش ياكى پارچىلاش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن.

   لېكىن دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، يەرلىكنىڭ دېڭىز ساھىلى ۋە سازلىق يەنىلا خەۋپ - خەتەرگە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ قېتىمقى نېفىت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسىدىن كېلىپ چىققان ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىرنى چوقۇم تېخىمۇ كۆپ تەتقىق قىلىش كېرەك ئىكەن.

   ئەنگىلىيە نېفىت شىركىتى 4 - ئاۋغۇست راتسور ئارقىلىق نېفىت قۇدۇقىنى ئېتىش خىزمىتىنىڭ 1 - باسقۇچىدا كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!